Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 15:26 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

26 سامۇئىل: _ مەن سەن بىلەن بىرگە قايتمايمەن. سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگارمۇ سېنىڭ داۋاملىق ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى بولۇشۇڭنى رەت قىلدى، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 15:26
16 Referans Kwoze  

خەلقىم مېنى تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن ۋەيران بولىدۇ. ئەي روھانىيلار، سىلەر مېنى تونۇشنى رەت قىلدىڭلار. مەنمۇ سىلەرنىڭ مېنىڭ روھانىيلىرىم بولۇشۇڭلارنى رەت قىلىمەن. سىلەر مېنىڭ قانۇنلىرىمنى ئۇنتۇدۇڭلار، مەنمۇ سىلەرنىڭ ئەۋلادىڭلارنى ئۇنتۇيمەن.


پەرۋەردىگار سامۇئىلغا مۇنداق دېدى: _ مەن سائۇلنىڭ ئىسرائىلىيەگە داۋاملىق پادىشاھ بولۇشىنى رەت قىلغان تۇرسام، سەن تېخىچە ئۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇرىۋاتامسەن؟ سەن مۈڭگۈزگە زەيتۇن يېغى تولدۇرۇپ، بەيتلەھەملىك يىشاينىڭ ئۆيىگە بارغىن. مەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرىنى پادىشاھلىققا تاللىماقچىمەن.


ئەمدى سېنىڭ پادىشاھلىق ئورنۇڭ ئۇزاققا بارمايدۇ. پەرۋەردىگار ئۆز كۆڭلىگە مۇۋاپىق بىر ئادەمنى تاپىدۇ. ئۇنى ئۆز خەلقىنىڭ بېشى قىلىدۇ. چۈنكى سەن پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغان ئەمرىگە رىئايە قىلمىدىڭ، _ دېدى.


چۈنكى، ئۇنداق ئادەمنى قارشى ئالغان كىشى ئۇنىڭ يامان ئىشلىرىغا شېرىك بولغۇچىدۇر.


ئەي جاھان ئەھلى، قۇلاق سېلىڭلار! خەلقىمگە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىمەن. ئۇلار ھىيلىگەرلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، جازالايدىغان ۋاقتىم كەلدى. چۈنكى ئۇلار مېنىڭ سۆزلىرىمگە پەرۋا قىلمىدى، قانۇنلىرىمنى رەت قىلدى.


ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشنىڭ گۇناھى جادۇگەرلىك گۇناھىغا ئوخشاشلا ياماندۇر. جاھىللىق قىلىشنىڭ گۇناھى بولسا، بۇتقا چوقۇنۇشنىڭ گۇناھىغا ئوخشاشلا ئېغىردۇر. سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگارمۇ سېنىڭ داۋاملىق پادىشاھ بولۇشۇڭنى رەت قىلدى، _ دېدى.


شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل سائۇل بىلەن بىرگە قايتتى. سائۇل پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى.


شۇڭا پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەنمۇ ئەجدادلىرىڭ ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ مەڭگۈ روھانىي بولۇپ، خىزمىتىمدە بولىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغانىدىم. بىراق مەن پەرۋەردىگار ھازىر شۇنى ئېيتىمەنكى، ئەمدى بۇنداق بولمايدۇ. مېنى ھۆرمەتلىگەنلەرنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىمەن، مېنى كەمسىتكەنلەرنى خورلۇققا قالدۇرىمەن.


لېكىن ياقۇپ ئۇلارغا: _ بۇ ئوغلۇم سىلەر بىلەن بارمىسۇن! ئۇنىڭ بىر قورساقتىن بولغان ئاكىسى ئۆلۈپ كېتىپ، يالغۇز قالدى. مۇبادا ئۇ يولدا بىرەر پىشكەللىككە يولۇقۇپ قالسا، مەن قېرىغىنىمدا ھەسرەت چېكىپ ئۆلۈپ كېتىمەن، _ دېدى.


بىراق، خۇدا سائۇلنى تەختىدىن چۈشۈرۈپ، داۋۇتنى پادىشاھ قىلىپ بەردى. خۇدا پادىشاھ داۋۇت ھەققىدە مۇنداق دېگەنىدى: «يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇت مېنى بەك خۇش قىلدى. ئۇ مەن نېمە دېسەم، شۇنى قىلىدۇ!»


سەن پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش قىلماي، پەرۋەردىگارنىڭ ئامالەكلەرگە بولغان كۈچلۈك غەزىپىنى بەجا كەلتۈرمىدىڭ. شۇڭا پەرۋەردىگار سېنى بۈگۈن بۇ كۈنگە قويدى.


سەن خىت خەلقىدىن بولغان ئۇرىيانى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈردۈڭ، ئۇنىڭ جېنىنى ئاممونلارنىڭ قولى بىلەن ئالدىڭ! ئۇنىڭ ئايالىنى تارتىۋېلىپ، ئۆزۈڭگە خوتۇن قىلىۋالدىڭ! سەن نېمىشقا مېنى كۆزگە ئىلماي، بۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلدىڭ؟


مەن غەزەپلەنسەممۇ، يەنىلا سىلەرگە پادىشاھ بەردىم. ئەمدى دەرغەزەپ بىلەن پادىشاھىڭلارنى ئەمەلدىن قالدۇرىمەن.


سېنى پادىشاھ بولسۇن دەپ، سائۇلنى مېھىر-مۇھەببىتىمدىن مەھرۇم قىلغانىدىم. لېكىن ئۇنى ھېچقاچان مېھىر-مۇھەببىتىمدىن مەھرۇم قىلمايمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite