سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 15:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى23 ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشنىڭ گۇناھى جادۇگەرلىك گۇناھىغا ئوخشاشلا ياماندۇر. جاھىللىق قىلىشنىڭ گۇناھى بولسا، بۇتقا چوقۇنۇشنىڭ گۇناھىغا ئوخشاشلا ئېغىردۇر. سەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگارمۇ سېنىڭ داۋاملىق پادىشاھ بولۇشۇڭنى رەت قىلدى، _ دېدى. Gade chapit la |
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگار شۇنى ئېيتىمەنكى، مەن نىخەلاملىق شىمايا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى جازالايمەن. خەلقىم ئارىسىدا ئۇنىڭ جەمەتىدىن ھېچكىم ھايات قالمايدۇ. ئۇ مەن خەلقىمگە ئاتا قىلماقچى بولغان بەختنى كۆرەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ سىلەرنى پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىشقا كۈشكۈرتتى. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!›»
شۇڭا پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەنمۇ ئەجدادلىرىڭ ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ مەڭگۈ روھانىي بولۇپ، خىزمىتىمدە بولىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغانىدىم. بىراق مەن پەرۋەردىگار ھازىر شۇنى ئېيتىمەنكى، ئەمدى بۇنداق بولمايدۇ. مېنى ھۆرمەتلىگەنلەرنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىمەن، مېنى كەمسىتكەنلەرنى خورلۇققا قالدۇرىمەن.
سائۇل پەرۋەردىگارغا قىلغان ۋاپاسىزلىقى ئۈچۈن ھالاك بولدى. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغان ئەمرىگە رىئايە قىلمىدى. ھەتتا ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىنى بىلىپ بېقىشنى خالىمىدى، ئەكسىچە ئەرۋاھ چاقىرىدىغان باخشى ئايالدىن مەسلىھەت سورىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، پادىشاھلىقىنى يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتقا بەردى.