Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 15:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 سەن نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلماي، جەڭ ئولجىلىرىنى ئېلىشقا ئالدىراپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشنى قىلدىڭ؟ _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 15:19
11 Referans Kwoze  

شۇڭا ئۇلار ئولجىلارغا ئۆزىنى ئېتىپ، قوي، كالا ۋە موزايلارنى ئۇدۇل كەلگەن يەردە سويۇپ، قېنىنى ئېقىتماي گۆشىنى يېدى.


مېنىڭ نامىمغا ئاتالغان بۇ ئىبادەتخانا بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىمۇ؟ سىلەرگە ئېيتايكى، مەن سىلەرنىڭ قىلغان ھەرقانداق رەزىل ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىمەن.


ئاچكۆز كىشى ئۆز ئائىلىسىگە كۈلپەت كەلتۈرەر، پارىخورلۇقتىن نەپرەتلەنگۈچى ئۇزاق ئۆمۈر كۆرەر.


ئۇ پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ گۇناھىنى تونۇمىدى.


ماناسسە ئۆز ئوغۇللىرىنى بەنھىننوم جىلغىسىدا قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈردى. پالچىلىق، باخشىلىق، جادۇگەرلىك قىلىش ۋە ئەرۋاھلاردىن مەدەت تىلەشتەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان نۇرغۇن گۇناھلىق ئىشلارنى قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.


ماناسسە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان يات ئەللەرنى دوراپ، يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى.


چۈنكى، قېرىندىشىمىز كىرىسكى گالاتىيا ئۆلكىسىگە، تىتۇس دالماتىيا ئۆلكىسىگە كەتتى. دېماس بولسا بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا بېرىلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، مېنى تاشلاپ، سالونىكا شەھىرىگە كەتتى.


سائۇل سامۇئىلغا: _ مەن ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلدىم. پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن يولىدا ماڭدىم، ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگنى تۇتۇپ، ئامالەكلەرنى تەلتۆكۈس يوقاتتىم.


لېكىن مۇسا ئۇلارغا: _ سىلەر نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىسىلەر؟ ئەمدى سىلەر ھېچ نېمىگە ئېرىشەلمەيسىلەر.


سەن خىت خەلقىدىن بولغان ئۇرىيانى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈردۈڭ، ئۇنىڭ جېنىنى ئاممونلارنىڭ قولى بىلەن ئالدىڭ! ئۇنىڭ ئايالىنى تارتىۋېلىپ، ئۆزۈڭگە خوتۇن قىلىۋالدىڭ! سەن نېمىشقا مېنى كۆزگە ئىلماي، بۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلدىڭ؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite