Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 15:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 سامۇئىل سائۇلغا قاراپ: _ توختاپ تۇر! مەن ساڭا پەرۋەردىگارنىڭ تۈنۈگۈن ئاخشام ماڭا دېگەن سۆزلىرىنى ئېيتىپ بېرەي، _ دېدى. _ قېنى، مەرھەمەت، _ دېدى سائۇل.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 15:16
8 Referans Kwoze  

لېكىن پادىشاھ: _ مەن سېنى پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن سۆز قىلغىنىڭدا راستچىل بول، دەپ قانچە قېتىم قەسەم قىلدۇردۇم؟ _ دېدى.


ئەمدى سىلەر ئۆز جايىڭلاردا ئۆرە تۇرۇڭلار، مەن سىلەرگە پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى، شۇنداقلا ئاتا-بوۋاڭلارنى قايتا-قايتا قۇتقۇزغانلىقىنى ئۇنىڭ ئالدىدا ئېتىپ بېرەي.


ئۇلار شەھەرنىڭ چېتىگە بارغاندا، سامۇئىل سائۇلغا: _ خىزمەتكارىڭغا ئېيتقىن، ئۇ ئاۋۋال مېڭىپ تۇرسۇن، _ دېدى. خىزمەتكار كەتكەندىن كېيىن سامۇئىل: _ بىز بۇ يەردە بىر دەم تۇرايلى، ساڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىنى يەتكۈزۈپ قوياي، _ دېدى.


سائۇل ئۇنىڭغا: _ بۇلار ئادەملىرىمنىڭ ئامالەكلەردىن ئالغان ئولجىلىرىدۇر. ئادەملىرىم پەرۋەردىگارىڭىز خۇداغا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن كالا ۋە قويلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىنى ساقلاپ قېلىشتى. لېكىن بىز قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى تەلتۆكۈس يوقاتتۇق، _ دېدى.


سامۇئىل: _ گەرچە سەن ئۆزۈڭنى مۇھىم ئادەم ئەمەس، دەپ ھېسابلاپ يۈرسەڭمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھىدۇرسەن. پەرۋەردىگار سېنىڭ بېشىڭغا ياغ قۇيدۇرۇپ، سېنى ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى قىلدى.


يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىياغا مۇنداق دېدى: _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ۋەھىينى ئاڭلا.


يەرەمىيا پەيغەمبەر بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يېرۇسالېمدىكى يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىياغا يەتكۈزگەندە،


ياروبئامنىڭ ئايالى بوسۇغىدىن ئاتلاپ كىرىشىگە ئاخىيا ئۇنىڭ ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپ، مۇنداق دېدى: _ ئەي ياروبئامنىڭ ئايالى، كىرگىن! سەن نېمىشقا باشقا ئادەمنىڭ سىياقىدا ياسىنىۋالدىڭ؟ ساڭا شۇم خەۋەر ئېيتىشقا ماڭا پەرۋەردىگاردىن ئەمر كەلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite