Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 15:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 سامۇئىل سائۇلغا مۇنداق دېدى: _ بېشىڭغا ياغ قۇيۇپ، سېنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىللارغا پادىشاھلىققا تەيىنلىگىلى پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئادەم مەن بولىمەن.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 15:1
10 Referans Kwoze  

«ئەتە مۇشۇ ۋاقىتتا مەن سېنىڭ يېنىڭغا بىنيامىن زېمىنىدىن بىر ئادەم ئەۋەتىمەن. سەن ئۇنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى خەلقىم ئىسرائىللارغا باش قىلىپ تەيىنلىگىن. ئۇ خەلقىمنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. مەن خەلقىمنىڭ ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇلارنىڭ داد-پەريادى ماڭا يەتتى.»


سىلەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىپ، ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالساڭلار، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە قارشى چىقماي، ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى پادىشاھ بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭغا ئەگەشسەڭلار، ھەممە ئىشلىرىڭلار ياخشى بولىدۇ.


سامۇئىل: _ سەن ئەخمەقلىق قىلىپ، پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ساڭا بۇيرۇغان ئەمرىگە رىئايە قىلماپسەن! ئەگەر رىئايە قىلغان بولساڭ، پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە ئۈستىدىكى پادىشاھلىق ئورنۇڭنى ئەبەدىلئەبەد مۇستەھكەم قىلغان بولاتتى.


ئاندىن سامۇئىل بىر قۇتا زەيتۇن يېغىنى سائۇلنىڭ بېشىغا قۇيۇپ، ئۇنى سۆيۈپ: _ پەرۋەردىگارنىڭ سېنى ئۆز خەلقى ئىسرائىللارغا باش بولۇشقا تەيىنلىدى.


پەرۋەردىگار سامۇئىلغا سائۇلنىڭ كېلىشىدىن بىر كۈن بۇرۇن ئايان بولۇپ مۇنداق دېگەنىدى:


ئېلىشا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا سامارىيە شەھىرىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا 2 كىلو سۈپەتلىك ئۇن پەقەت 12 گىرام كۈمۈشكە، 4 كىلو ئارپىمۇ پەقەت 12 گىرام كۈمۈشكە سېتىلىدۇ».


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite