7 _ كۆڭلىڭىزدە نېمە ئويلىغان بولسىڭىز، شۇنداق قىلىڭ! نېمە ئىش قىلسىڭىز، مەن سىز بىلەن بىرگە بولىمەن، _ دېدى قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى.
ناتان داۋۇتقا: _ كۆڭلىڭىزدە قانداق ئويلىغان بولسىڭىز شۇنداق قىلىڭ، چۈنكى پەرۋەردىگار سىزگە ياردۇر، _ دېدى.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئاشۇ كۈنلەردە ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان، ھەر خىل ئەللەرگە مەنسۇپ ئون ئادەم بىر يەھۇدىينىڭ چاپىنىنىڭ پېشىگە ئېسىلىپ، ئۇنىڭغا: ‹بىزمۇ سىز بىلەن بىرگە بارايلى! چۈنكى بىز خۇدانىڭ سىلەرگە يار ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدۇق› دېيىشىدۇ.»
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بىز بىلەن بىرگىدۇر، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدا قورغىنىمىزدۇر. سېلاھ
بۇ ئالامەتلەر كۆرۈنگەن چاغدا، سەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلغىن، چۈنكى خۇدا ساڭا ياردۇر.
جان تالىشىۋاتقان ئابىمەلەك دەرھال قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: _ قىلىچىڭنى چىقىرىپ، مېنى ئۆلتۈرۈۋەت! «ئابىمەلەك بىر ئايالنىڭ قولىدا ئۆلۈپتۇ» دېيىلمىسۇن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يىگىت قىلىچنى ئۇنىڭغا تىقىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى.
_ يۈر، بۇ خەتنىسىزلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتى جايلاشقان يەرگە بارايلى، _ دېدى يوناتان قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە، _ پەرۋەردىگار بىز ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلسا ئەجەب ئەمەس. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بىركىمگە نۇسرەت ئاتا قىلىشى، ئۇ كىشىنىڭ ئادىمىنىڭ ئاز ياكى كۆپ بولۇشىغا باغلىق ئەمەس.
يوناتان: _ بىز ئۇ تەرەپكە ئۆتەيلى، فىلىستىيەلىكلەر بىزنى كۆرسۇن.
ئەمەلدارلار پادىشاھقا: _ باش ئۈستىگە ئالىيلىرى، قارارلىرىغا ئەگىشىمىز، _ دېيىشتى.