51 سائۇلنىڭ ئاتىسى كىش بىلەن ئابنېرنىڭ ئاتىسى نېر ئابىئېلنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى.
بىنيامىن قەبىلىسىدە كىش ئىسىملىك بىر ئادەم بولۇپ، ئۇ ئابرۇيلۇق ئادەم ئىدى. ئۇ ئابىئېلنىڭ ئوغلى، ئابىئېل زىرورنىڭ ئوغلى، زىرور بىكوراتنىڭ ئوغلى، بىكورات بولسا ئافىياھنىڭ ئوغلى ئىدى.
_ مەن بىنيامىندىن، يەنى ئىسرائىلنىڭ ئەڭ كىچىك قەبىلىسىدىن بولىمەن. جەمەتىمىز بۇ قەبىلە ئىچىدە ئەڭ ئەرزىمەس بىر جەمەتتۇر، سىز ماڭا نېمىشقا بۇنداق دەيسىز؟ _ دېدى سائۇل.
ئايالى ئىسمى ئاخىنوئام بولۇپ، ئاخىمائازنىڭ قىزى ئىدى. سائۇلنىڭ قوشۇنىنىڭ باش سەركەردىسى ئابنېر بولۇپ، ئۇ تاغىسى نېرنىڭ ئوغلى ئىدى.
داۋۇت دەرھال سائۇل بارگاھ قۇرغان يەرگە بېرىپ، سائۇلنىڭ ۋە قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى نېرنىڭ ئوغلى ئابنېرنىڭ نەدە ياتقانلىقىنى كۆردى. سائۇل بارگاھنىڭ ئوتتۇرىسىدا، لەشكەرلىرى ئۇنىڭ ئەتراپىدا ياتقانىدى.