5 قىيانىڭ بىرى شىمالغا، يەنى مىكماسقا، يەنە بىرى جەنۇبقا، يەنى گەباغا قاراپ تۇراتتى.
يوناتان گەبادىكى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى يەڭدى. بۇ خەۋەر فىلىستىيەلىكلەر ئارىسىدا تېز تارقالدى. ئۇ چاغدا سائۇل پۈتۈن يۇرتتا بۇرغا چالدۇرۇپ، ئىبرانىيلارنى ئۇرۇشقا چاقىردى.
شۇ ۋاقىتتا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بىر ئەترىتى مىكماستىكى داۋاننى ساقلاش ئۈچۈن بارغانىدى.
يوناتان فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتى جايلاشقان يەرگە بېرىش ئۈچۈن بوزېز ۋە سەنەھ دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى تىك قىيانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى داۋاندىن ئۆتۈشى كېرەك ئىدى.
_ يۈر، بۇ خەتنىسىزلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتى جايلاشقان يەرگە بارايلى، _ دېدى يوناتان قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە، _ پەرۋەردىگار بىز ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلسا ئەجەب ئەمەس. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بىركىمگە نۇسرەت ئاتا قىلىشى، ئۇ كىشىنىڭ ئادىمىنىڭ ئاز ياكى كۆپ بولۇشىغا باغلىق ئەمەس.
شۇ كۈنى ئۇلار فىلىستىيەلىكلەرنى سۈر-توقاي قىلىپ، مىكماستىن ئاييالونغىچە قوغلىدى، ئەمما ھەممەيلەن شۇنچە ھالسىراپ كەتكەنىدى.
ئۆزىگە ئىسرائىلىيەنىڭ لەشكەرلىرىدىن ئۈچ مىڭنى تاللىۋالدى. ئۇلاردىن ئىككى مىڭى ئۆزى بىلەن بىرگە مىكماس ۋە بەيتەل ئېدىرلىقلىرىدا تۇردى. بىر مىڭى ئوغلى يوناتان بىلەن بىرگە بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە گىبئاھ دېگەن يەردە تۇردى. قالغانلىرىنى ئۇ ئۆز ئۆيلىرىگە قايتۇردى.
سامۇئىل ئۇنى ئەيىبلەپ، ئۇنىڭغا: _ سەن نېمە ئىش قىلدىڭ؟ _ دېدى. سائۇل: _ قارىسام خەلق مەندىن ئايرىلىپ تارقىلىپ كېتىۋاتىدۇ. سىزمۇ دېگەن ۋاقىتتا يېتىپ كەلمىدىڭىز، يەنە بىر تەرەپتىن فىلىستىيەلىكلەر مىكماسقا توپلاشتى.
بۇلاردىن باشقا، داۋۇتنىڭ يەنە توققۇز ئوغلى بولۇپ، ئۇلار يىبخار، ئەلىشاما، ئەلىفەلەت،
ئاسسۇرلار ئاييات شەھىرىگە كېلىدۇ، مىگرون شەھىرىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، مىكماس شەھىرىدە لەشكىرىي لازىمەتلىكلىرىنى قالدۇرۇپ قويىدۇ،
ئۇلار تاغ داۋىنىدىن ئۆتۈپ، گەبا شەھىرىدە قونىدۇ. راماھ شەھىرىنىڭ خەلقى قورقۇشۇپ، تىترەپ كېتىدۇ، پادىشاھ سائۇلنىڭ گېبئاھ شەھىرىدىكى خەلقمۇ قېچىپ كېتىدۇ.