48 سائۇل جەڭدە باتۇر ئىدى. ئۇ ئامالەكلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، ئىسرائىللارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى.
شۇڭا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىنغا سىلەرنى ئۆزى باشلاپ كىرىپ، چېگرايىڭلارنى ئامان قىلغاندىن كېيىن، ئامالەك خەلقىنى يوقىتىڭلار. ئۇلارنى كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىدىنمۇ ئۆچۈرۈۋېتىڭلار. بۇ ئېسىڭلاردا بولسۇن.
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا: _ كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ بۈگۈنكى غەلىبىنى ئۇنتۇماسلىقى ئۈچۈن يېزىپ قالدۇرغىن. ئامالەكلەرنى پۈتۈنلەي يوقىتىدىغانلىقىمنى يوشۇۋاغا يەتكۈزۈپ قوي، _ دېدى.
ئامالەكلەر رىفىدىمگە كېلىپ، ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلدى.
پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى تالان-تاراج قىلغۇچىلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارغا سەردارلارنى تەيىنلەپ بەردى.
بەلكى جەڭدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ قېنى، باتۇرلارنىڭ تېنىدىكى ماي بىلەن مايلاندى. يوناتاننىڭ ئوقياسى قۇرۇق قايتمايتتى، سائۇلنىڭ قىلىچىمۇ غەلبىسىز قايتىپ كەلمەيتتى.