Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 14:47 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

47 سائۇل ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئەتراپىدىكى بارلىق دۈشمەنلىرى بىلەن، يەنى موئابلىقلار، ئاممونلار، ئىدوملۇقلار، زوباھتىكى پادىشاھلار ۋە فىلىستىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلدى. ئۇ قايسى يەرگە بارمىسۇن، ھەممە يەردە غەلىبە قىلدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 14:47
17 Referans Kwoze  

ئاممونلار ئۆزلىرىنىڭ داۋۇتنى رەنجىتىپ قويغانلىقىنى بىلىپ، بەيت-رىخوب ۋە زوباھتىكى ئارراملاردىن 20 مىڭ پىيادە لەشكەر، مائاكا پادىشاھىدىن مىڭ لەشكەر، توبلۇقلاردىن 12 مىڭ لەشكەر ياللىدى.


سائۇلنىڭ پۈتۈن ئۆمرى فىلىستىيەلىكلەر بىلەن قاتتىق جەڭ قىلىش بىلەن ئۆتتى. شۇڭا سائۇل ھەرقاچان كۈچتۈڭگۈر ياكى باتۇر بىرىنى كۆرسە، ئۇنى ئۆز خىزمىتىگە سالاتتى.


شۇڭا پەرۋەردىگار يىھوئاشنىڭ ئوغلى ياروبئام IIنىڭ قولى ئارقىلىق ئۇلارنى قۇتقۇزدى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىل خەلقىنىڭ نامىنى يەر يۈزىدىن ئۆچۈرۈۋەتمەسلىكنى ئىرادە قىلغانىدى.


خۇدا ئەليادانىڭ ئوغلى رىزوننىمۇ پادىشاھ سۇلايمانغا دۈشمەن قىلىپ قويغانىدى. ئۇ خوجايىنى زوباھنىڭ پادىشاھى ھادادئەزەرنىڭ دەستىدىن قېچىپ كەتكەنىدى.


زوباھ پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى رىخوبنىڭ ئوغلى ھادادئەزەر فىرات دەرياسى ئەتراپىدىكى زېمىنىنى قايتۇرۇۋېلىشقا ئاتلىنىپ چىققاندا، داۋۇت ئۇنى مەغلۇپ قىلدى.


سائۇل ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىككىنچى يىلى،


مانا ئەمدى بۇ پادىشاھ سىلەرگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. مەن قېرىدىم، چاچلىرىم ئاقاردى، ئوغۇللىرىممۇ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا تۇرۇپتۇ. مەن ياش ۋاقتىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە سىلەرگە رەھبەرلىك قىلىپ كەلدىم.


شۇنىڭدىن كېيىن سائۇل فىلىستىيەلىكلەرنى قوغلاشتىن ۋاز كەچتى، فىلىستىيەلىكلەرمۇ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كەتتى.


شۇ كۈنى سائۇلنىڭ ئىدوملۇق پادىچىلار بېشى دوئېگمۇ ئۇ يەردە بولۇپ، ئۇ پاكلىنىش مەرىكىسى ئۈچۈن كەلگەنىدى.


چوڭ قىزى بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى موئاب [ئىبرانىي تىلىدىكى «ئاتىدىن» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ قويدى. ئۇ كېيىن موئابلارنىڭ ئەجدادى بولدى.


كىچىك قىزىمۇ بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى بەنئاممى [مەنىسى «خەلقىمنىڭ ئوغلى»] دەپ قويدى. ئۇ كېيىن ئاممونلارنىڭ ئەجدادى بولدى.


تۆۋەندىكىلەر ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. ئەساۋنىڭ يەنە بىر ئىسمى ئىدوم بولۇپ،


شۇڭا ئەساۋ، يەنى ئىدوم سەئىر تاغلىق رايونىغا بېرىپ تۇردى.


يۇقىرىدىكى قەبىلىلەر ۋە قەبىلە باشلىقلىرى ئەساۋ، يەنى ئىدومنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.


بەلكى جەڭدە ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ قېنى، باتۇرلارنىڭ تېنىدىكى ماي بىلەن مايلاندى. يوناتاننىڭ ئوقياسى قۇرۇق قايتمايتتى، سائۇلنىڭ قىلىچىمۇ غەلبىسىز قايتىپ كەلمەيتتى.


داۋۇت ئەمدى پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇ خەلقنى ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن باشقۇردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite