43 سائۇل يوناتانغا: _ سەن ماڭا نېمە گۇناھ قىلغانلىقىڭنى ئېيتقىن، _ دېدى. يوناتان: _ قولۇمدىكى تاياق بىلەن كىچىككىنە ھەسەل ئېلىپ تېتىپ باقتىم، ئۆلۈشكە رازىمەن، _ دېدى.
يوشۇۋا ئاكانغا: _ ئوغلۇم، راست گەپ قىلىپ، خۇدانىڭ، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يۈزىمىزنى يورۇق قىلغىن. ماڭا نېمە ئىش قىلغىنىڭنى يوشۇرماي ئېيتقىن، _ دېدى.
لېكىن يوناتان ئاتىسىنىڭ خەلقنى قەسەم قىلدۇرغانلىقىنى ئاڭلىمىغانىدى. شۇڭا ئۇ قولىدىكى تايىقىنى ھەرە كۆنىكىگە تىقىپ، ھەسەل ئېلىپ، ئاغزىغا سېلىۋىدى، ئۇ شۇنچە روھلىنىپ كەتتى.
سائۇل: _ مەن بىلەن ئوغلۇم يوناتانغا چەك تاشلانسۇن، _ دېدى. چەك يوناتانغا چىقتى.