سائۇل پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇداغا: _ ئى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، كىمنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەيسەن. ئەگەر گۇناھ مەن ۋە ئوغلۇم يوناتاندا بولسا، چەكتىن «ئۇرىم» چىقسۇن، ئەگەر گۇناھ ئىسرائىل خەلقىدە بولسا، چەكتىن «تۇممىم» چىقسۇن، _ دېدى. چەك تاشلاندى، چەك سائۇل بىلەن يوناتانغا چىقتى، خەلق ئاقلاندى.