Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 14:41 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

41 سائۇل پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇداغا: _ ئى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، كىمنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەيسەن. ئەگەر گۇناھ مەن ۋە ئوغلۇم يوناتاندا بولسا، چەكتىن «ئۇرىم» چىقسۇن، ئەگەر گۇناھ ئىسرائىل خەلقىدە بولسا، چەكتىن «تۇممىم» چىقسۇن، _ دېدى. چەك تاشلاندى، چەك سائۇل بىلەن يوناتانغا چىقتى، خەلق ئاقلاندى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 14:41
9 Referans Kwoze  

- ئى رەببىمىز، ھەممە ئادەمنىڭ كۆڭلىدىكى يوشۇرۇن ئويى ساڭا ئايان. يەھۇدا ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى تاشلاپ ئۆلدى ۋە ئۆزىگە تېگىشلىك يەرگە كەتتى. ئەمدى ئۇ تاشلىۋەتكەن ئەلچىلىك ۋەزىپىسىگە ئىگە بولغۇچىغا بۇ ئىككىيلەندىن قايسىسىنى تاللىغانلىقىڭنى كۆرسەتكىن.


كېمىچىلەر: _ بىزنىڭ بۇ بالايىئاپەتكە دۇچار بولۇشىمىزغا كىم سەۋەبلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقايلى، _ دېيىشتى ۋە چەك تاشلاشتى، چەك يۇنۇسقا چىقتى.


چەك ئېتەككە تاشلانغىنى بىلەن، ھۆكۈم قىلىش پەرۋەردىگاردىندۇر.


دۇئادىن كېيىن، ئۇلار بۇ ئىككى كىشىگە چەك تاشلىۋىدى، چەك ماتىياغا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن، ماتىيا ئون بىر ئەلچىنىڭ قاتارىغا ئون ئىككىنچى بولۇپ قوشۇلدى.


ئاندىن ئۇ پۈتكۈل ئىسرائىللارغا: _ سىلەر بىر تەرەپتە تۇرۇڭلار، ئوغلۇم يوناتان ئىككىمىز يەنە بىر تەرەپتە تۇرايلى، _ دېدى. _ سىز نېمىنى ئۇيغۇن كۆرسىڭىز، شۇنى قىلىڭ، _ دېدى خەلق.


سائۇل: _ مەن بىلەن ئوغلۇم يوناتانغا چەك تاشلانسۇن، _ دېدى. چەك يوناتانغا چىقتى.


چەك تاشلاش ئارقىلىق تۈگەتكىلى بولار جاڭجالنى، يوقاتقىلى بولار مۆتىۋەرلەر ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشلارنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite