Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 14:32 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

32 شۇڭا ئۇلار ئولجىلارغا ئۆزىنى ئېتىپ، قوي، كالا ۋە موزايلارنى ئۇدۇل كەلگەن يەردە سويۇپ، قېنىنى ئېقىتماي گۆشىنى يېدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 14:32
11 Referans Kwoze  

سەن نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلماي، جەڭ ئولجىلىرىنى ئېلىشقا ئالدىراپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشنى قىلدىڭ؟ _ دېدى.


ماي ۋە قاننى قەتئىي يېمىسۇن. ئىسرائىللار قەيەردە ياشىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىتائەت قىلسۇن.


لېكىن قاننى يېمەڭلار، قاننى خۇددى سۇ تۆككەندەك يەرگە تۆكۈۋېتىڭلار.


قانسىرىمىغان گۆشنى يېمەڭلار. پال سالغۇزماڭلار ۋە ئەپسۇنمۇ ئوقۇتماڭلار.


لېكىن سىلەر قېنى بار گۆشنى ھەرگىز يېمەڭلار، چۈنكى جان قاندىدۇر.


پەقەت ئۇلارغا: «بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشلەرنى يېمەڭلار، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلماڭلار، قاننى ۋە بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋاننىڭ گۆشلىرىنىمۇ يېمەڭلار!» دەپ تاپىلاپ، بىر پارچە خەت يازايلى.


زۆرۈر بولغان بەلگىلىمىلەر تۆۋەندىكىچە: بۇتلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشلەرنى يېمەڭلار. قاننى ۋە بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋاننىڭ گۆشلىرىنىمۇ يېمەڭلار. جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلماڭلار. سىلەر مۇشۇ بىرنەچچە ئىشتىن خالىي بولساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر. سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز!»


لېكىن سەن ئۇلارغا ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «سىلەر قېنى بار گۆش يەيسىلەر، بۇتقا چوقۇنىسىلەر، ئادەم ئۆلتۈرىسىلەر، شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا نېمە ھەققىڭلار بار؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite