Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 14:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 روھانىي ئاخىيا ئۇلارنىڭ ئىچىدە بولۇپ، روھانىيلىق پەرتۇقىنى تاقىۋالغانىدى. ئۇ ئىكابودنىڭ قېرىندىشى ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئىدى. ئاخىتۇب پىنىخاسنىڭ ئوغلى، شىلودا پەرۋەردىگارغا روھانىيلىق قىلغان ئەلىنىڭ نەۋرىسى ئىدى. يوناتاننىڭ كەتكىنىنى ھېچكىم بىلمەي قالدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 14:3
9 Referans Kwoze  

ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئاخىمەلەكنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئەبىياتار قېچىپ، داۋۇتنىڭ قېشىغا كەلدى.


خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ قولدىن كەتكەنلىكى، قېيىنئاتىسى ۋە ئېرىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ: _ شان-شەرەپ ئىسرائىلىيەدىن كەتتى، _ دېدى ۋە بالىسىغا ئىكابود [مەنىسى «شان-شەرەپ يوقالدى»] دېگەن ئىسىمنى قويدى.


مەن ئۇنى ئىسرىق كۆيدۈرۈپ، قۇربانلىق سۇپامدا قۇربانلىق قىلسۇن، ئالدىمدا روھانىي تاقايدىغان پەرتۇق تاقاپ، ماڭا روھانىي بولسۇن دەپ، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق قەبىلىلىرى ئىچىدىن تاللىۋالغانىدىم. شۇنىڭدەك ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ئۇلارنىڭ ئۈلۈشى بولسۇن دەپ، ئىسرائىللارنىڭ ھەممە قۇربانلىقلىرىدىن بەرگەنىدىم.


ئەلقانا ھەر يىلى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىپ، ئۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆز شەھىرىدىن شىلو شەھىرىگە ئائىلىسى بىلەن بىللە باراتتى. ئۇ يەردە ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى بولغان خوفنى بىلەن پىنىخاس پەرۋەردىگارغا روھانىيلىق قىلاتتى.


ئاندىن سائۇل ئادەملىرىگە: _ كېچىچە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ، تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى تارتىۋالايلى، ھېچ بىرىنى تىرىك قويمايلى! _ دېدى. _ سىزگە قانداق قىلىش ياخشى بولسا، شۇنداق قىلىڭ، _ دېدى ئۇلار. لېكىن روھانىي سۆز قىستۇرۇپ: _ بىز ئالدى بىلەن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلەيلى، _ دېدى.


ئۇ چاغدا سامۇئىل تېخى بالا ئىدى. ئۇ زىغىر رەختتىن تىكىلگەن روھانىيلىق پەرتۇقىنى تاقاپ، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى.


شۇنىڭ بىلەن بىرنەچچە ئادەم شىلوغا ئەۋەتىلدى. ئۇلار كېرۇبلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرغۇچى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كەلدى. ئەلىنىڭ ئىككى ئوغلى بولغان خوفنى بىلەن پىنىخاسمۇ شۇ يەرگە ئەھدە ساندۇقى بىلەن بىرگە كەلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite