23 شۇ كۈنى پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا چوڭ نۇسرەت ئاتا قىلدى. بۇ جەڭ بەيتئاۋەننىڭ يىراق يەرلىرىگىچە يېيىلدى.
ئىسرائىللار دېڭىز بويىدا مىسىرلىقلارنىڭ جەسەتلىرىنى كۆرگىنىدە، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزلىرىنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانلىقىنى بىلدى.
فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلىشقا يىغىلدى. ئۇلار ئۈچ مىڭ جەڭ ھارۋىسى، ئالتە مىڭ ھارۋىلىق لەشكەرلەر ۋە دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سان-ساناقسىز پىيادە لەشكەرلىرى بىلەن كېلىپ، بەيتئاۋەننىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى مىكماستا بارگاھ قۇردى.
لېكىن مەن يەھۇدىيە خەلقىگە ئىچ ئاغرىتىمەن. مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ خۇداسىدۇرمەن. مەن ئۇلارنى قۇتۇلدۇرىمەن، ئۇلارنى ئوقيا، قىلىچ، ئۇرۇش، ئات ياكى چەۋەندازلار بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆز قۇدرىتىم بىلەن قۇتۇلدۇرىمەن.
شۇڭا پەرۋەردىگار يىھوئاشنىڭ ئوغلى ياروبئام IIنىڭ قولى ئارقىلىق ئۇلارنى قۇتقۇزدى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىل خەلقىنىڭ نامىنى يەر يۈزىدىن ئۆچۈرۈۋەتمەسلىكنى ئىرادە قىلغانىدى.
پەرۋەردىگار ھەر قېتىم ئۆزى تەيىنلىگەن سەردارلارغا يار بولۇپ، ئۇلار ھايات چاغلاردا خەلقنى دۈشمەنلىرىدىن قۇتقۇزاتتى. پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئازاب چېكىپ، خورلۇق ئىچىدە قىلغان نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا رەھىم قىلاتتى.
يوشۇۋا بىرنەچچە ئادەمنى ئېرىخا شەھىرىدىن بەيتەل شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى بەيتئاۋەن شەھىرىگە يېقىن ئاي شەھىرىگە ئەۋەتتى. يوشۇۋا ئۇلارغا: _ سىلەر ئۇ زېمىنغا بېرىپ چارلاپ كېلىڭلار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىلەر ئاي شەھىرىنى چارلاپ كېلىشكە يۈرۈپ كەتتى.
لېكىن ئەمدى سىلەر مېنى، يەنى ئۆزۈڭلارنى پۈتۈن بالايىئاپەت ۋە مۇشەققەتلەردىن قۇتقۇزغان خۇدايىڭلارنى رەت قىلىپ، ئۆزۈڭلارغا بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىڭلار. ئەمدى سىلەر قەبىلە ۋە جەمەت تەرتىپى بويىچە مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇڭلار.»
ئۇلار ئېتىزلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇپ، فىلىستىيەلىكلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئېتىزلىقنى قوغداپ قالىدۇ. بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا ئاتا قىلغان زور غەلىبىسى ئىدى.
شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگار خىزكىيانى ۋە يېرۇسالېملىقلارنى ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىبنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى ۋە باشقا دۈشمەنلىرىدىن قوغداپ، زېمىنىغا تىنچلىق ئاتا قىلدى.
چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە يار بولۇپ، سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ، سىلەرنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرىدۇ.»
«ئەتە مۇشۇ ۋاقىتتا مەن سېنىڭ يېنىڭغا بىنيامىن زېمىنىدىن بىر ئادەم ئەۋەتىمەن. سەن ئۇنىڭ بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئۇنى خەلقىم ئىسرائىللارغا باش قىلىپ تەيىنلىگىن. ئۇ خەلقىمنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. مەن خەلقىمنىڭ ئازاب چېكىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، ئۇلارنىڭ داد-پەريادى ماڭا يەتتى.»