Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 14:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 سائۇل روھانىيغا شۇ سۆزلەرنى دەۋاتقاندا، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بارگاھىدىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭ بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتكەنىدى. ئۇ ئاخىياغا: _ بولدى قىلىڭ، ئەمدى كېرەك ئەمەس، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 14:19
8 Referans Kwoze  

ئۇ كۈنى ئىسرائىللار ناھايىتى ھېرىپ، ھالىدىن كەتتى. چۈنكى سائۇل ئۇلارنى قەسەم قىلدۇرۇپ: «دۈشمەنلىرىمىزدىن ئىنتىقام ئالماي تۇرۇپ، كەچ كىرگۈچە تائام يېگەن كىشى قارغىشقا كەتسۇن» دېگەنىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھېچكىم ھېچنېمە يېمىدى.


بىر ئىشقا يولۇقسا، روھانىي ئەلئازارنىڭ يېنىغا بارسۇن. ئۇ يوشۇۋاغا ۋاكالىتەن «ئۇرىم» ئارقىلىق مېنىڭ ئىرادەمنى سورايدۇ. ھەرقانداق ئىشتا يوشۇۋا ۋە پۈتۈن جامائەت مېنىڭ كۆرسەتمەم بويىچە ئىش قىلسۇن.


ئىگەم پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن سىئون تېغىغا بىر تاش قويىمەن، ئۇ سىناقتىن ئۆتكەن قىممەتلىك تاشتۇر، ئۇ مۇستەھكەم بىر ئىمارەتنىڭ ئۇل تېشىدۇر، بۇ تاشقا ئىشىنىپ، ئۇنىڭغا تايانغان ئادەم خاتىرجەم تۇرىدۇ.


لېكىن ئۇلار ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنتۇدى پەرۋەردىگارنى، راۋا كۆرمىدى ئۆزلىرىگە خۇدانىڭ ئىرادىسىنى.


سامۇئىل ئۇنى ئەيىبلەپ، ئۇنىڭغا: _ سەن نېمە ئىش قىلدىڭ؟ _ دېدى. سائۇل: _ قارىسام خەلق مەندىن ئايرىلىپ تارقىلىپ كېتىۋاتىدۇ. سىزمۇ دېگەن ۋاقىتتا يېتىپ كەلمىدىڭىز، يەنە بىر تەرەپتىن فىلىستىيەلىكلەر مىكماسقا توپلاشتى.


ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ يېمەكلىكلىرىنى قولىغا ئېلىپ كۆردى، ئەمما پەرۋەردىگاردىن بۇ توغرۇلۇق ھېچنېمە سورىمىدى.


سائۇل دەرھال ئۆزىگە ئەگەشكەن پۈتۈن خەلقنى يىغىپ، جەڭگاھقا بېرىپ، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ نەيزە-قىلىچ بىلەن ئۆزئارا بىر-بىرىنى قىرغىن قىلىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاجايىپ پاراكەندە بولۇپ كېتىشكەنلىكىنى كۆردى.


داۋۇت خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلىش ئۈچۈن ئاخىمەلەكنىڭ ئوغلى روھانىي ئەبىياتارغا: _ روھانىيلىق پەرتۇقىنىڭ كۆكرەكلىكىدىكى چەكلەرنى ئەكەل، _ دېدى. ئەبىياتار چەكلەرنى داۋۇتقا ئەكېلىپ بەردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite