17 سائۇل ئۇلارغا: _ قاراپ بېقىڭلار، ئارىمىزدا كىملەر يوق ئىكەن؟ _ دېدى. ئۇلار تەكشۈرۈپ بېقىۋىدى، يوناتان بىلەن ئۇنىڭ قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى يوق بولۇپ چىقتى.
جان تالىشىۋاتقان ئابىمەلەك دەرھال قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: _ قىلىچىڭنى چىقىرىپ، مېنى ئۆلتۈرۈۋەت! «ئابىمەلەك بىر ئايالنىڭ قولىدا ئۆلۈپتۇ» دېيىلمىسۇن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يىگىت قىلىچنى ئۇنىڭغا تىقىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى.
سائۇلنىڭ بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە گىبئاھ دېگەن يەردىكى قاراۋۇللىرى فىلىستىيەلىكلەر قوشۇنىنىڭ پاراكەندە بولۇپ، ئۇياق-بۇياققا پىتىراپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ قالدى.
ئاندىن سائۇل روھانىي ئاخىياغا بۇيرۇپ: _ باش روھانىينىڭ پەرتۇقىدىكى «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم»نى ئېلىپ كېلىڭ، _ دېدى. ئۇ ۋاقىتتا ئاخىيا ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا باش روھانىيلىق پەرتۇقىنى تاقاپ ماڭاتتى.