16 سائۇلنىڭ بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە گىبئاھ دېگەن يەردىكى قاراۋۇللىرى فىلىستىيەلىكلەر قوشۇنىنىڭ پاراكەندە بولۇپ، ئۇياق-بۇياققا پىتىراپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ قالدى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن مىسىرلىقلارنى ئۆزئارا قارشىلاشتۇرىمەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزئارا ئۇرۇشىدۇ. ھەممە ئائىلە كىشىلىرى، ھەممە قوشنىلار ئۆزئارا ئۇرۇشىدۇ. بىر شەھەر يەنە بىر شەھەر بىلەن، بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇشىدۇ.
شامال ئۇچۇرۇپ كەتكەندەك ئىس-تۈتەكنى، خۇدا جەزمەن يوق قىلىدۇ رەزىللەرنى. ھالاك بولار رەزىللەر خۇدا ئالدىدا، خۇددى مومدەك ئېرىگەن ئوتتا.
ئۇلار خۇددى ئېقىپ كەتكەن سۇلار كەبى يوقالسۇن، ئوقيالىرىنى بەتلىسە، ئوقى شۇئان سۇنۇپ كەتسۇن.
سائۇل دەرھال ئۆزىگە ئەگەشكەن پۈتۈن خەلقنى يىغىپ، جەڭگاھقا بېرىپ، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ نەيزە-قىلىچ بىلەن ئۆزئارا بىر-بىرىنى قىرغىن قىلىشىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاجايىپ پاراكەندە بولۇپ كېتىشكەنلىكىنى كۆردى.
گىدئوننىڭ 300 ئادىمى بۇرغا چالغاندا، پەرۋەردىگار دۈشمەن قوشۇنىنى ئۆزئارا بىر-بىرىنى قىرغىنچىلىققا سېلىپ قويغانىدى. ئۇلار زىرېرا تەرەپكە قاراپ، تاكى بەيت-شىتتاھ ۋە تاببات شەھىرى يېنىدىكى ئابېل-مىخولا چېگراسىغىچە قېچىشتى.
توساتتىن بارگاھ ۋە دالادىكى فىلىستىيەلىكلەر ئالاقزادە بولۇپ، قاراۋۇللار ۋە زەربىدارلارمۇ قورقۇپ، تىترەپ كېتىشتى، يەرمۇ تەۋرەپ كەتتى. بۇ خۇدادىن كەلگەن قورقۇنچ ئىدى.
سائۇل ئۇلارغا: _ قاراپ بېقىڭلار، ئارىمىزدا كىملەر يوق ئىكەن؟ _ دېدى. ئۇلار تەكشۈرۈپ بېقىۋىدى، يوناتان بىلەن ئۇنىڭ قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى يوق بولۇپ چىقتى.