14 بۇ دەسلەپكى ھۇجۇمدا يوناتان بىلەن ئۇنىڭ قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى تەخمىنەن ئۈچ مو كېلىدىغان كىچىك بىر مەيداندا يىگىرمە ئادەمنى ئۆلتۈردى.
جان تالىشىۋاتقان ئابىمەلەك دەرھال قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: _ قىلىچىڭنى چىقىرىپ، مېنى ئۆلتۈرۈۋەت! «ئابىمەلەك بىر ئايالنىڭ قولىدا ئۆلۈپتۇ» دېيىلمىسۇن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يىگىت قىلىچنى ئۇنىڭغا تىقىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى.
يوناتان فىلىستىيەلىكلەر تەرەپكە ئۆمىلەپ، يامىشىپ چىقىشقا باشلىدى، قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىمۇ ئارقىسىدىن ئەگەشتى. ئالدىدىن كەلگەن فىلىستىيەلىكلەرنى يوناتان يەرگە يىقىتتى. ياراغ كۆتۈرگۈچىسىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئارقىسىدىن كەلگەن فىلىستىيەلىكلەرنى ئۆلتۈرۈشكە كىرىشتى.
توساتتىن بارگاھ ۋە دالادىكى فىلىستىيەلىكلەر ئالاقزادە بولۇپ، قاراۋۇللار ۋە زەربىدارلارمۇ قورقۇپ، تىترەپ كېتىشتى، يەرمۇ تەۋرەپ كەتتى. بۇ خۇدادىن كەلگەن قورقۇنچ ئىدى.
يەردىن ئۇ ئۆلگىلى ئۇزۇن بولمىغان ئېشەكنىڭ جاغ سۆڭىكىنى ئېلىپ، مىڭ فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى.
بەلكىم ئۇ ھازىر بىر ئۆڭكۈردە ياكى باشقا بىر يەردە يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئاتىلىرى داۋۇت سىلىنىڭ ئادەملىرىگە ئالدى بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئادەملىرىنى ئۆلتۈرسە، بۇنى ئاڭلىغانلار «ئابسالومنىڭ ئادەملىرى قىرىلىپ كېتىپتۇ» دېيىشى مۇمكىن.