Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 14:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 ئاندىن ئۇلار يوناتان بىلەن ئۇنىڭ قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: _ بۇ ياققا كېلىڭلار، بۇرنۇڭلارنىڭ نوخلىسىنى ئېلىپ قويايلى، _ دېدى. _ ماڭا ئەگىشىپ ماڭ، _ دېدى يوناتان قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە، _ پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئىسرائىللارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 14:12
13 Referans Kwoze  

سەن تېرەكلەرنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىن لەشكەرلىرىمنىڭ ئاياغ تىۋىشلىرىنى ئاڭلىشىڭ بىلەنلا تېز ھەرىكەت قىل. چۈنكى شۇ چاغدا مەن سېنىڭ ئالدىڭدا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قوشۇنىغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتكەن بولىمەن، _ دېدى.


شۇنىڭدىن كېيىن ئامازيا يېھۇنىڭ نەۋرىسى، يىھوئاخازنىڭ ئوغلى بولغان يىھوئاشقا، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا ئەلچى ئەۋەتىپ: _ بىز جەڭگاھتا كۆرۈشەيلى! _ دېدى.


ئەگەر: «يېنىمىزغا كېلىڭلار» دېسە، يېنىغا بارايلى. ئەگەر شۇنداق بولسا، بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنى بىزنىڭ قولىمىزغا تاپشۇرىدىغانلىقىنىڭ بىر بەلگىسى بولىدۇ، _ دېدى.


گىدئون بۇ چۈشنى ۋە ئۇنىڭ تەبىرىنى ئاڭلىغان ھامان خۇداغا ھەمدۇسانالار ئېيتتى. ئۇ ئىسرائىللارنىڭ بارگاھىغا قايتىپ كېلىپ، ئادەملىرىگە: _ تۇرۇڭلار! پەرۋەردىگار مىديانلارنىڭ قوشۇنىنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بېرىدۇ! _ دېدى.


دىبورا باراققا: _ ئالغا! بۈگۈن پەرۋەردىگار سىسىرانى قولۇڭغا چۈشۈرۈپ بېرىدىغان ۋە ساڭا يولباشچى بولىدىغان كۈن ئەمەسمۇ؟ _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن باراق 10 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ تابور تېغىدىن چۈشتى.


ئاندىن مەن پەرۋەردىگارغا، يەنى خوجايىنىم ئىبراھىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا سەجدە قىلىپ، ھەمدۇسانا ئوقۇدۇم. چۈنكى ئۇ مېنى ئۇدۇل خوجايىنىمنىڭ تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كېلىپ، خوجايىنىمغا ئۇنىڭ قىزىنى كېلىنلىككە ئېلىشىمغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەنىدى.


بۈگۈن مەن قۇدۇق يېنىغا كەلگىنىمدە، خۇداغا دۇئا قىلىپ: «ئى پەرۋەردىگار، يەنى خوجايىنىم ئىبراھىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئىشىمنى ئوڭ قىلغايسەن.


جان تالىشىۋاتقان ئابىمەلەك دەرھال قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىگە: _ قىلىچىڭنى چىقىرىپ، مېنى ئۆلتۈرۈۋەت! «ئابىمەلەك بىر ئايالنىڭ قولىدا ئۆلۈپتۇ» دېيىلمىسۇن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يىگىت قىلىچنى ئۇنىڭغا تىقىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى.


يوناتان فىلىستىيەلىكلەر تەرەپكە ئۆمىلەپ، يامىشىپ چىقىشقا باشلىدى، قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسىمۇ ئارقىسىدىن ئەگەشتى. ئالدىدىن كەلگەن فىلىستىيەلىكلەرنى يوناتان يەرگە يىقىتتى. ياراغ كۆتۈرگۈچىسىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئارقىسىدىن كەلگەن فىلىستىيەلىكلەرنى ئۆلتۈرۈشكە كىرىشتى.


ئۇنىڭ ھەمراھى: _ ئۇ باشقا نەرسە ئەمەس، ئىسرائىللاردىن بولغان يوئاشنىڭ ئوغلى گىدئوننىڭ قىلىچى! خۇدا مىديانلارنى ۋە پۈتۈن قوشۇنىمىزنى ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەرگۈدەك، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite