11 ئىككىيلەن بېرىپ، ئۆزلىرىنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇللىرىغا كۆرسەتكەنىدى، قاراۋۇللار: _ مانا، ئىبرانىيلار ئۆزلىرىنى يوشۇرغان كامارلاردىن چىقتى، _ دېدى.
ئەمما ئىسرائىللار بولسا ئۆزلىرىنىڭ خەۋپ ئاستىدا قالغانلىقىنى، ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقىنى كۆرۈپ، غارلارغا، كامارلارغا، قىيا تاشلار ئارىسىغا، قەبرىلەرگە ۋە ئازگاللارغا يوشۇرۇنۇۋالدى.
ئەفرايىم تاغلىق رايونىغا يوشۇرۇنغان ئىسرائىللارمۇ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاچقانلىقىنى ئاڭلاپ، جەڭگە چىقىپ ئۇلارنى قوغلىدى.
مىديانلار ئىسرائىللاردىن كۈچلۈك بولغاچقا، ئىسرائىللار تاغدىكى بىخەتەر جايلار، ئۆڭكۈرلەر ۋە قورغانلاردا پاناھلاندى.
جاسارىتىنى يوقاتقان يات ئەللەر، تىترىگەن ھالدا قورغانلىرىدىن چىقىشار.
بۇ چاغدا فىلىستىيەلىكلەرنىڭ سەركەردىلىرى: _ بۇ ئىبرانىيلارنىڭ بۇ يەردە نېمە ئىشى بار؟ _ دېيىشتى. _ بۇ ئىسرائىلىيە پادىشاھى سائۇلغا سەركەردە بولغان داۋۇت، خېلىدىن بېرى يېنىمدا يۈرىدۇ. مەن تەرەپكە ئۆتكەندىن بېرى، ئۇنىڭدىن بىرەر سەۋەنلىك كۆرمىدىم، _ دېدى ئاكىش ئۇلارغا.