7 بىر قىسىملىرى بولسا ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، گاد ۋە گىلئاد زېمىنىغا ئۆتۈپ كەتتى. سائۇل تېخىچە گىلگالدا ئىدى. ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ۋەھىمە باستى.
سەن ئۇلارغا: «دۈشمەندىن قورقۇپ تىترىگەنلەر دەرھال گىلئاد تېغىدىن ئۆيلىرىگە قايتسۇن» دەپ ئېيتقىن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن 22 مىڭ كىشى قايتىپ كېتىپ، 10 مىڭ كىشى قېلىپ قالدى.
ئۇ سىلەرنى دۈشمىنىڭلارنىڭ كۆز ئالدىدا مەغلۇپ قىلىدۇ. سىلەر دۈشمىنىڭلارغا بىر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلغان بولساڭلار، ئۆزۈڭلار جېنىڭلارنى تەرەپ-تەرەپكە ئېلىپ قېچىشقا مەجبۇر بولىسىلەر. تەقدىرىڭلاردىن ئالەمدىكى بارلىق ئەللەر چۆچۈيدۇ.
لەشكەر باشلىرى لەشكەرلەردىن يەنە مۇنداق دەپ سورىسۇن: «ئاراڭلاردا يۈرەكسىزلىك قىلىپ، قورقىدىغانلار بارمۇ؟ بولسا، باشقىلارنىڭ ئىرادىسىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن ئۆيىگە قايتسۇن.»
_ بىز بۇ زېمىنلارنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، مەن ئارنون جىلغىسىغا جايلاشقان ئاروئېرنىڭ شىمالىدىكى رايونلارنى، گىلئاد تاغلىق رايونىنىڭ يېرىمىنى ۋە ئۇ يەردىكى شەھەرلەرنى رۇبېن ۋە گاد قەبىلىلىرىگە بۆلۈپ بەردىم.
مەن سىلەرگە قارشى تۇرىمەن. سىلەر دۈشمىنىڭلارنىڭ قولىدا مەغلۇپ بولىسىلەر. سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلار سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ھېچكىم سىلەرنى قوغلىمىسىمۇ، قورقۇپ جېنىڭلارنى ئېلىپ قاچىسىلەر.
سامۇئىل سائۇلغا: «مېنى يەتتە كۈن كۈت» دېگەنلىكى ئۈچۈن، سائۇل ئۇنى گىلگالدا يەتتە كۈن كۈتۈپ تۇردى. ئەمما سامۇئىل تېخىچە گىلگالغا يېتىپ كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، كىشىلەر سائۇلدىن ئايرىلىپ تارقىلىپ كېتىشكە باشلىدى.
پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى زېمىنلارنى ئاللىقاچان ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىنىڭ ۋە رۇبېن، گاد قەبىلىلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىشىغا تەقسىم قىلىپ بەرگەنىدى.
ئۇ يەنە گىلئاد، گىشۇر ۋە مائاكالىقلارنىڭ زېمىنلىرىنى، خەرمون تېغى، شۇنداقلا باشاننىڭ سالكاھ شەھىرىگىچە بولغان پۈتكۈل زېمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،
سائۇل ۋە پۈتۈن ئىسرائىللار بۇ فىلىستىيەلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، قورقۇشۇپ، ئالاقزادە بولۇپ كېتىشتى.
يىزرىئەل تۈزلەڭلىكىدە ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە ياشايدىغان ئىسرائىللار ئىسرائىلىيە لەشكەرلىرىنىڭ قاچقانلىقىنى، سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرۈپ، شەھەرلىرىنى تاشلاپ قاچتى. ئاندىن فىلىستىيەلىكلەر كېلىپ، ئۇ شەھەرلەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى.