Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 13:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلىشقا يىغىلدى. ئۇلار ئۈچ مىڭ جەڭ ھارۋىسى، ئالتە مىڭ ھارۋىلىق لەشكەرلەر ۋە دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سان-ساناقسىز پىيادە لەشكەرلىرى بىلەن كېلىپ، بەيتئاۋەننىڭ كۈنچىقىش تەرىپىدىكى مىكماستا بارگاھ قۇردى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 13:5
21 Referans Kwoze  

شۇ كۈنى پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا چوڭ نۇسرەت ئاتا قىلدى. بۇ جەڭ بەيتئاۋەننىڭ يىراق يەرلىرىگىچە يېيىلدى.


بۇ پادىشاھلار بارلىق قوشۇنلىرىنى باشلاپ كەلدى. ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرى سان-ساناقسىز بولۇپ، خۇددى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ ئىدى. ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئات ۋە جەڭ ھارۋىلىرى بار ئىدى.


بۇ زېمىننىڭ شىمالىي پاسىلى ئىئوردان دەرياسىدىن باشلىنىپ، ئېرىخا شەھىرىنىڭ شىمالىدىن يۇقىرىلاپ، غەربكە بۇرۇلۇپ تاغلىق رايونغا كىرىپ، ئاندىن بەيتئاۋەن چۆللۈكىگە بارىدۇ.


سامارىيەلىكلەر بەيتئاۋەندىكى موزاي بۇتتىن ئەنسىرەيدۇ، موزاي بۇتقا چوقۇنغانلار ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتىدۇ. بۇتپەرەس روھانىيلارمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغلايدۇ. موزاي بۇتنىڭ شان-شەرىپىدىن خۇرسەن بولغانلار ھازا تۇتىدۇ، چۈنكى ئۇ بۇت ئۇلاردىن ئايرىلىدۇ.


گىبئاھ شەھىرىدە بۇرغا، راماھ شەھىرىدە كاناي چېلىڭلار، بەيتئاۋەندا ئۇرۇشتىن ئاگاھلاندۇرۇڭلار. ئەي بىنيامىنلار، ھەممىدىن بۇرۇن جەڭگە ئاتلىنىڭلار!


ئەي ئىسرائىلىيەلىكلەر، سىلەر ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلدىڭلار، لېكىن يەھۇدىيەلىكلەر ئۇنداق گۇناھنى سادىر قىلمىسۇن. گىلگالغا ھېچكىم تاۋاپ قىلغىلى بارمىسۇن، بەيتئاۋەنگىمۇ ئاياغ باسمىسۇن، مەن پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەنمۇ قەسەم قىلمىسۇن.


تۇل ئاياللار دېڭىز بويىدىكى قۇملاردىنمۇ كۆپ بولىدۇ. مەن چىڭقى چۈشتە ھالاك قىلغۇچىنى ئەۋەتىپ، ياشلارنى ھالاك قىلىمەن، ئۇلارنىڭ ئانىلىرىغا تۇيۇقسىز دەرد-ئەلەم ۋە قورقۇنچ سالىمەن.


ئۇرۇق-ئەۋلادىڭلار خۇددى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك ساناقسىز بولاتتى، ئەۋلادلىرىڭلار خۇددى قۇم زەررىچىلىرىدەك كۆپ بولاتتى. ئۇلارنىڭ نامى مەڭگۈ ئۆچمەيتتى، ھەرگىز مېنىڭ ئالدىمدىن يوقىتىلمايتتى.»


مېنى يەر يۈزىدىكى قۇمدەك سانسىز خەلققە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدىڭ. ئى پەرۋەردىگار خۇدا، ئەمدى ئاتام داۋۇتقا بەرگەن ۋەدەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ،


مىديانلار، ئامالەكلەر ۋە شەرقتىكى خەلقلەر جىلغىنى بىر ئالغان بولۇپ، خۇددى بىر توپ چېكەتكىدەك كۆپ ئىدى. ئۇلارنىڭ تۆگىلىرى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سان-ساناقسىز ئىدى.


يوشۇۋا بىرنەچچە ئادەمنى ئېرىخا شەھىرىدىن بەيتەل شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى بەيتئاۋەن شەھىرىگە يېقىن ئاي شەھىرىگە ئەۋەتتى. يوشۇۋا ئۇلارغا: _ سىلەر ئۇ زېمىنغا بېرىپ چارلاپ كېلىڭلار، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىلەر ئاي شەھىرىنى چارلاپ كېلىشكە يۈرۈپ كەتتى.


ساڭا بەخت ئاتا قىلىمەن. سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك، دېڭىز ساھىلدىكى قۇملاردەك كۆپ قىلىمەن. ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ شەھەرلىرىنى ئىگىلەيدۇ.


يەشايا پەيغەمبەرمۇ ئىسرائىللار توغرىسىدا مۇنداق جاكارلىغانىدى: «ئىسرائىللارنىڭ سانى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى قۇتقۇزۇلىدۇ.


شۇنداق قىلىپ فىلىستىيەلىكلەر مەغلۇپ قىلىندى. سامۇئىل ھايات چاغدا، پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئىسرائىلىيە زېمىنىغا قايتا ئاياغ باستۇرمىدى.


ئۆزىگە ئىسرائىلىيەنىڭ لەشكەرلىرىدىن ئۈچ مىڭنى تاللىۋالدى. ئۇلاردىن ئىككى مىڭى ئۆزى بىلەن بىرگە مىكماس ۋە بەيتەل ئېدىرلىقلىرىدا تۇردى. بىر مىڭى ئوغلى يوناتان بىلەن بىرگە بىنيامىن قەبىلىسىگە تەۋە گىبئاھ دېگەن يەردە تۇردى. قالغانلىرىنى ئۇ ئۆز ئۆيلىرىگە قايتۇردى.


سامۇئىل ئۇنى ئەيىبلەپ، ئۇنىڭغا: _ سەن نېمە ئىش قىلدىڭ؟ _ دېدى. سائۇل: _ قارىسام خەلق مەندىن ئايرىلىپ تارقىلىپ كېتىۋاتىدۇ. سىزمۇ دېگەن ۋاقىتتا يېتىپ كەلمىدىڭىز، يەنە بىر تەرەپتىن فىلىستىيەلىكلەر مىكماسقا توپلاشتى.


فىلىستىيەلىكلەر جەڭ قىلىش ئۈچۈن قوشۇنلىرىنى يىغىپ، يەھۇدا زېمىنىغا تەۋە سوكوھ دېگەن شەھەردە جەم بولدى. ئۇلار سوكوھ ۋە ئازېقا شەھەرلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئەفەس-داممىم دېگەن يەردە بارگاھ قۇردى.


مەسلىھەتىم شۇكى، دان شەھىرىدىن بەئەرشەبا شەھىرىگىچە بولغان ئارىلىقتا ياشايدىغان پۈتۈن ئىسرائىللار سىلىنىڭ ئەتراپلىرىغا توپلانسۇن. ئىسرائىللار دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سان-ساناقسىزدۇر. ئۇلارنى سىلى ئۆزلىرى باشلاپ، جەڭگە بارغايلا.


ئىسرائىلىيەلىكلەرمۇ قوشۇنىنى توپلاپ، ئوزۇق-تۈلۈك تەييارلاپ، ئۇلارغا قارشى جەڭگە ئاتلاندى. ئىسرائىلىيەلىكلەر ئارراملارنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ، بارگاھ قۇردى. بىراق ئۇلار دالانى قاپلىغان ئارراملارنىڭ ئالدىدا خۇددى ئىككى كىچىك ئۆچكە توپىدەك كۆرۈىنەتتى.


ئاسسۇرلار ئاييات شەھىرىگە كېلىدۇ، مىگرون شەھىرىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، مىكماس شەھىرىدە لەشكىرىي لازىمەتلىكلىرىنى قالدۇرۇپ قويىدۇ،


سائۇلنىڭ پۈتۈن ئۆمرى فىلىستىيەلىكلەر بىلەن قاتتىق جەڭ قىلىش بىلەن ئۆتتى. شۇڭا سائۇل ھەرقاچان كۈچتۈڭگۈر ياكى باتۇر بىرىنى كۆرسە، ئۇنى ئۆز خىزمىتىگە سالاتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite