Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 13:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 بارلىق ئىسرائىللار سائۇلنىڭ فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلىپ يەڭگەنلىكى خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ھەم فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئىسرائىللارغا ئۆچلۈكىنى بىلىپ، چاقىرىق بويىچە گىلگالغا كېلىپ، سائۇلغا ئەگەشتى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 13:4
9 Referans Kwoze  

ياقۇپ شىمون بىلەن لاۋىيغا: _ سىلەر مېنى بالاغا تىقتىڭلار. بۈگۈندىن باشلاپ، كەنئانلىقلار، پەرىززىلەر ۋە بۇ يەردىكى باشقا ئەللەر ماڭا ئۆچمەنلىك قىلىدۇ. بىزنىڭ ئادەم سانىمىز ئاز، ئەگەر ئۇلار بىرلىشىپ بىزگە ھۇجۇم قىلسا، پۈتۈن ئائىلىمىز ھالاك بولىدۇ، _ دېدى.


_ سىلەرنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىڭلارغا پەرۋەردىگار گۇۋاھ بولسۇن. پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئەدىبىڭلارنى بەرسۇن. سىلەر پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىدا نامىمىزنى سېسىتتىڭلار. ئۇلارنىڭ بىزنى ئۆلتۈرۈشىگە باھانە تېپىپ بەردىڭلار، _ دېدى.


بىر ئاي ئىچىدە مەن ئۈچ پادىچىنى ھەيدىۋەتتىم. قويلارغا سەۋر-تاقىتىم قالمىدى. قويلارمۇ مەندىن بىزار بولدى.


سەن گىلگالغا مەندىن بۇرۇن يېتىپ بارىسەن. مەن شۇ يەردە كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىش ئۈچۈن قېشىڭغا بارىمەن. سەن ئۇ يەردە مەن كەلگۈچە يەتتە كۈن ساقلاپ تۇرغىن. مەن يېتىپ بارغاندىن كېيىن، نېمە قىلىشىڭنى دەپ بېرىمەن.


پەرۋەردىگار يوشۇۋاغا مۇنداق دېدى: _ بۈگۈن مەن سىلەردىن مىسىردا قۇل بولۇپ تارتقان خورلۇقۇڭلارنى ئېلىپ تاشلىدىم. شۇڭا بۇ يەر شۇنىڭدىن بېرى «گىلگال» [ئىبرانىي تىلىدىكى «ئېلىپ تاشلاش» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.


ئۇنىڭغا: «بىز كىچىكىمىزدىن تارتىپ چارۋىچىلىق قىلىپ كەلگەن، ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ چارۋىچى ئىدى» دەڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سىلەرنى ئۆز خەلقىدىن ئايرىپ، گوشەن رايونىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، _ دېدى. يۈسۈپنىڭ بۇنداق دېيىشىدىكى سەۋەب، مىسىرلىقلار چارۋىچىلارنى پەقەت كۆزگە ئىلمايتتى.


ئاممونلار ئۆزلىرىنىڭ داۋۇتنى رەنجىتىپ قويغانلىقىنى بىلىپ، بەيت-رىخوب ۋە زوباھتىكى ئارراملاردىن 20 مىڭ پىيادە لەشكەر، مائاكا پادىشاھىدىن مىڭ لەشكەر، توبلۇقلاردىن 12 مىڭ لەشكەر ياللىدى.


ئاكىش داۋۇتقا ئىشىنەتتى. ئۇ ئىچىدە: «داۋۇت ئۆزىنى ئۆزىنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللارغا قەبىھ دۈشمەن قىلىپ قويدى. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مەڭگۈ مېنىڭ خىزمەتكارىم بولۇپ ئۆتىدۇ» دەپ ئويلايتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite