Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 13:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 يوناتان گەبادىكى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى يەڭدى. بۇ خەۋەر فىلىستىيەلىكلەر ئارىسىدا تېز تارقالدى. ئۇ چاغدا سائۇل پۈتۈن يۇرتتا بۇرغا چالدۇرۇپ، ئىبرانىيلارنى ئۇرۇشقا چاقىردى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 13:3
12 Referans Kwoze  

ئۇنىڭدىن كېيىن سەن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قاراۋۇل ئەترىتى جايلاشقان «خۇدانىڭ تېغى» دەپ ئاتالغان گىبئاھقا بارىسەن. شەھەرگە كىرگىنىڭدە، تاغدىكى سەجدىگاھتىن چۈشۈپ كەلگەن پەيغەمبەرلەرگە يولۇقىسەن. ئۇلار چىلتار، داپ، نەي ۋە لىرالارنى چېلىشىپ، ھاياجانلانغان ھالدا زىكىر قىلىشىدۇ.


ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى سىئىرا شەھىرىگە قېچىپ كېلىپ، تاغلىق رايوندىكى بارلىق ئىسرائىللارنى بۇرغا چېلىپ جەڭگە چاقىردى ھەمدە


پەرۋەردىگارنىڭ روھى گىدئوننى ئۆز ئىلكىگە ئالدى. گىدئون بۇرغا چېلىپ، ئابىئەزەر جەمەتىنىڭ ئادەملىرىنى ئۆز ئەتراپىغا يىغدى.


يەھۇدىيەنىڭ شىمالىدىكى گەبادىن تارتىپ، يېرۇسالېمنىڭ جەنۇبىدىكى رىممونغىچە بولغان بارلىق زېمىن تۈزلەڭلىككە ئايلىنىدۇ. لېكىن يېرۇسالېم يەنىلا ئۆز جايىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. شەھەر «بىنيامىن» دەرۋازىسىدىن كونا دەرۋازىنىڭ ئورنىغا سېلىنغان «بۇلۇڭ» دەرۋازىسىغىچە، ھەم خانانئېل مۇنارىدىن پادىشاھنىڭ ئۈزۈم ئېزىش كۆلچەكلىرىگىچە كېڭىيىدۇ.


ئۇلار تاغ داۋىنىدىن ئۆتۈپ، گەبا شەھىرىدە قونىدۇ. راماھ شەھىرىنىڭ خەلقى قورقۇشۇپ، تىترەپ كېتىدۇ، پادىشاھ سائۇلنىڭ گېبئاھ شەھىرىدىكى خەلقمۇ قېچىپ كېتىدۇ.


شۇ چاغدا شىبا ئىسىملىك بىر ئوسال ئادەم شۇ يەردە بولۇپ، ئۇ بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بىكرىنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇ بۇرغا چالدى ۋە مۇنداق دېدى: «يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ بىزگە ئۆتكۈزۈپ قويغىنى يوق، بىزنىڭ ھەم ئۇنىڭدا قەرزىمىز يوق. ھەي ئىسرائىللار، ھەممىمىز ئۆز ئۆيلىرىمىزگە قايتايلى!»


شۇنىڭ بىلەن يوئاب بۇرغا چېلىۋىدى، ئادەملىرى ئىسرائىللارنى قوغلاشتىن توختىدى ۋە ئۇلار بىلەن جەڭمۇ قىلمىدى.


سائۇل، ئوغلى يوناتان ۋە ئۇلارغا ئەگەشكۈچىلەر بىنيامىن زېمىنىدىكى گىبئاھتا تۇردى. فىلىستىيەلىكلەر بولسا مىكماستا بارگاھ قۇرغانىدى.


ئىسرائىللارنىڭ بىنيامىن قەبىلىسىدىن ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا گىبئون، گەبا،


كىفار-ئاممونا، ئوفنى، گەبا قاتارلىق 12 شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite