Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 13:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 يەنە بىر قىسمى غەربكە، يەنى بەيت-خورونغا بارىدىغان يولغا چۈشتى. ئۈچىنچى بىر قىسمى چۆلنىڭ چېتىدىكى زىبوئىم جىلغىسىغا قاراپ ماڭدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 13:18
12 Referans Kwoze  

خادىد، زىبوئىم، نىباللات،


كېيىن يەنە غەربكە سوزۇلۇپ، يافلېتلارنىڭ زېمىنىدىن ئۆتۈپ، ئاستىن بەيت-خورون شەھىرىگىچە بېرىپ، ئۇ يەردىن يەنە گەزەر شەھىرىگىچە سوزۇلۇپ، ئاخىرى ئوتتۇرا دېڭىزغا بېرىپ توختايدۇ.


ئەي ئىسرائىلىيە، مەن سەندىن قانداقمۇ ۋاز كېچەي، سېنى قانداقمۇ تاشلىۋېتەي، سېنى قانداقمۇ ئادماھ شەھىرىگە ئوخشاش گۇمران قىلاي، ساڭا قانداقمۇ زىبويىم شەھىرىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلاي؟! كۆڭلۈم بۇنداق قىلىشقا ئۇنۇمايدۇ، چۈنكى قەلبىم مۇھەببەتكە تولۇپ تاشقاندۇر.


پادىشاھ سۇلايمان ئۈستۈن بەيت-خورون ۋە ئاستىن بەيت-خورون شەھەرلىرىنىڭ سېپىللىرىنى كېڭەيتىپ قۇردى ۋە سېپىللارغا دەرۋازا ئورنىتىپ، بالداق بېكىتىپ، شەھەرلەرنى مۇستەھكەملىدى.


يوقمىئام، بەيت-خورون،


ئەفرايىم قەبىلىسىگە جەمەتلەر بويىچە بېرىلگەن زېمىنلار: ئۇلارغا تەقسىم قىلىنغان زېمىننىڭ جەنۇبىي پاسىلى شەرقتە ئاتروت-ئاددار شەھىرىدىن باشلىنىپ، ئۈستۈن بەيت-خورون شەھىرىگە تۇتىشىپ،


ئامورلارنىڭ قالغان قوشۇنى بەيت-خورون شەھىرىگە يېقىن بولغان داۋان تەرەپكە قېچىپ بېرىپ، ئازېقا شەھىرىگە بارغۇچە، پەرۋەردىگار يول بويى ئاسماندىن شىددەتلىك مۆلدۈر ياغدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يەنە بىر قىسمىنى يوقاتتى. شىددەتلىك مۆلدۈردە ئۆلگەنلەر ئىسرائىللارنىڭ قىلىچىدا ئۆلگەنلەردىنمۇ كۆپ بولدى.


سودوم پادىشاھى بەرا، گومورا پادىشاھى بىرشا، ئادماھ پادىشاھى شىناب، زىبويىم پادىشاھى شەمئېبەر ۋە بەلا (زوئار دەپمۇ ئاتىلىدۇ) پادىشاھىغا قارشى جەڭگە ئاتلاندى.


توساتتىن بارگاھ ۋە دالادىكى فىلىستىيەلىكلەر ئالاقزادە بولۇپ، قاراۋۇللار ۋە زەربىدارلارمۇ قورقۇپ، تىترەپ كېتىشتى، يەرمۇ تەۋرەپ كەتتى. بۇ خۇدادىن كەلگەن قورقۇنچ ئىدى.


ئۇلارنىڭ زېمىنىنىڭ چېگراسى سىدوننىڭ جەنۇبىدىن گىرارنىڭ يېنىدىكى گازا شەھىرىگىچە، شەرقتە سودوم، گومورا، ئادماھ ۋە زىبويىمنىڭ يېنىدىكى لەشا شەھىرىگىچە ئىدى


پەرۋەردىگار ئامورلار قوشۇنىنى پاتىپاراقچىلىققا چۈشۈرۈپ قويدى. ئىسرائىللار قوشۇنى ئامورلارنىڭ كۆپ قىسمىنى گىبئوندا قىرىپ تاشلىدى ھەمدە دۈشمەن قوشۇنىنى بەيت-خورون شەھىرىگىچە قوغلاپ بېرىپ، يول بويى قىرىپ ماڭدى ۋە ئازېقا، ماققېدا شەھىرىنىڭ يولىدا يەنە بىر قىسمىنى قىرىپ تاشلىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite