10 لېكىن كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى ئەمدىلا قىلىپ بولغاندا، سامۇئىل يېتىپ كەلدى. سائۇل ئۇنىڭ ئالدىغا قارشى ئېلىشقا چىقتى.
سامۇئىل سائۇلنىڭ يېنىغا باردى. سائۇل ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار سىزگە بەخت ئاتا قىلغاي! مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى ئىجرا قىلدىم، _ دېدى.
يولدىن ئۆتكەنلەر دېمەس بۇ قۇتلۇق تىلەكنى ئۇلارغا: «ئىگىمىز بەرىكەت بەرسۇن ئىشىڭلارغا، سىلەرگە بەخت تىلەيمىز پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا.»
رۇت ئېتىزدا باشاق تېرىۋاتقاندا، بوئاز بەيتلەھەمدىن كەلدى. ئۇ ئورمىچىلارغا: _ پەرۋەردىگار سىلەرگە يار بولغاي! _ دەپ سالام بەردى. _ پەرۋەردىگار سىزگە بەخت ئاتا قىلغاي! _ دەپ سالام قايتۇردى ئۇلارمۇ.
بۇ ئىشلار بولۇۋاتقاندا، نابالنىڭ بىر خىزمەتكارى نابالنىڭ ئايالى ئابىگالغا: _ قاراڭ، داۋۇت چۆلدىن خوجايىنىمىزغا سالامغا ئەلچى ئەۋەتىپتىكەن، خوجايىنىمىز ئۇلارنى ھاقارەتلەپتۇ.