Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 12:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ئەمما ئاتا-بوۋاڭلار ئۆزلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانى ئۇنتۇغاچقا، خۇدا ئۇلارنى خازور شەھىرىدىكى قوشۇننىڭ باش سەركەردىسى سىسىرانىڭ، فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ۋە موئاب پادىشاھىنىڭ قولىغا چۈشۈردى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 12:9
15 Referans Kwoze  

ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى 40 يىلغىچە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى.


شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا قەھر-غەزىپى تېشىپ، ئۇلارنى فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئاممونلارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى.


شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇلارنى خازور شەھىرىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان كەنئان پادىشاھى يابىننىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. يابىننىڭ باش سەركەردىسى سىسىرا خاروشەت-ھاگگويىم شەھىرىدە تۇراتتى.


ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە يامان بولغان ئىشلارنى قىلغاچقا، پەرۋەردىگار موئاب پادىشاھى ئەگلوننى ئۇلارغا قارشى كۈچلەندۈردى.


ئۇلار تەرك ئەتتى ئۆزلىرىگە ھاياتلىق بەرگەن خۇدانى، ئۇنتۇدى ئۆزلىرىنى ياراتقان ئاشۇ قورام تاشنى.


ياش ئايال زىبۇ-زىننەتلىرىنى، يېڭى كېلىنچەك توي كۆڭلىكىنى ئۇنتۇپ قالامدۇ؟ بىراق مېنىڭ خەلقىم بولغان سىلەر مېنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇنتۇپ قالدىڭلار.


لېكىن ئۇلار ئاسىيلىق قىلىپ، ئۇنىڭ مۇقەددەس روھىنى ئازابلىدى. شۇڭا ئۇ ئۇلارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ، ئۇلارغا ئۆزى زەربە بەردى.


ئۇنتۇدى ئۇلار قۇتقۇزغۇچىسى خۇدانى، مىسىردا ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلغۇچىنى.


ئېھۇدتىن كېيىن، ئاناتنىڭ ئوغلى شامگار كالا ھەيدەيدىغان تاياق بىلەن فىلىستىيەلىكلەردىن 600 كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، ئىسرائىللارنى قۇتقۇزدى.


شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا قەھر-غەزىپى قايناپ تېشىپ، ئۇلارنى تالان-تاراج قىلغۇچىلارنىڭ قولىغا، يەنى ئەتراپىدىكى دۈشمەنلىرىگە تاشلاپ بېرىپ، ئۇلارغا قارشى تۇرالمايدىغان قىلىپ قويدى.


ئەگەر ئۇلارنىڭ قورام تېشى ئۇلارنى سېتىۋەتمىگەن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى تاشلىۋەتمىگەن بولسا، بىر ئادەم قانداقمۇ مىڭلىغان ئادەمنى، ئىككى ئادەم قانداقمۇ تۈمەنلىگەن ئادەمنى چېچىۋېتەلىسۇن؟


لېكىن پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلماي، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە قارشى چىقساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرەتلىك قولى ئاتا-بوۋاڭلارنى جازالىغاندەك سىلەرنىمۇ جازالايدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite