16 ئەمدى سىلەر ئۆز جايىڭلاردا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە كۆرسىتىدىغان ئاجايىپ ئىشىنى كۆرۈڭلار.
بىراق مۇسا ئۇلارغا: _ قورقماڭلار، تەۋرەنمەڭلار! بۈگۈن سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى قانداق قۇتقۇزىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر. سىلەر بۈگۈن كۆرگەن مىسىرلىقلارنى ئىككىنچى كۆرمەيسىلەر.
ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز قۇدرىتى بىلەن مىسىرلىقلارنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، پەرۋەردىگاردىن قورقۇشتى ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىشتى. ئۇنىڭ خىزمەتكارى بولغان مۇساغىمۇ ئىشەندى.
ئەمدى سىلەر ئۆز جايىڭلاردا ئۆرە تۇرۇڭلار، مەن سىلەرگە پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى، شۇنداقلا ئاتا-بوۋاڭلارنى قايتا-قايتا قۇتقۇزغانلىقىنى ئۇنىڭ ئالدىدا ئېتىپ بېرەي.
سامۇئىل سائۇلغا قاراپ: _ توختاپ تۇر! مەن ساڭا پەرۋەردىگارنىڭ تۈنۈگۈن ئاخشام ماڭا دېگەن سۆزلىرىنى ئېيتىپ بېرەي، _ دېدى. _ قېنى، مەرھەمەت، _ دېدى سائۇل.