Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 12:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 سىلەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىپ، ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالساڭلار، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە قارشى چىقماي، ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى پادىشاھ بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭغا ئەگەشسەڭلار، ھەممە ئىشلىرىڭلار ياخشى بولىدۇ.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 12:14
11 Referans Kwoze  

يوشۇۋا گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: _ سىلەر ئەمدى پەرۋەردىگارغا بويسۇنۇپ، ئۇنىڭغا سەمىمىي ۋە ساداقەتلىك بىلەن ئىبادەت قىلىڭلار! ئەجدادلىرىڭلار فىرات دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە ۋە مىسىردا چوقۇنغان ئىلاھلارنى يوقىتىپ، پەقەت پەرۋەردىگارىڭلارغىلا ئىبادەت قىلىڭلار!


ھەققانىيلارغا ئېيتقىن، ئۇلار ياخشىلىق تاپىدۇ، ئۇلار ئۆز ئىش-ھەرىكىتىنىڭ مېۋىسىنى يەيدۇ.


پەرۋەردىگارىمىز سىلەرگە شۇنچە شەپقەت قىلغان تۇرۇقلۇق، سىلەر يەنە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا ئىبادەت قىلساڭلار، ئۇمۇ سىلەردىن يۈز ئۆرۈپ، بېشىڭلارغا زور بالايىئاپەت ياغدۇرۇپ، سىلەرنى قىرىپ تاشلايدۇ، _ دېدى.


ھەمىشە سەۋرچانلىق بىلەن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ، خۇدادىن شان-شەرەپ، ھۆرمەت-ئېھتىرام ۋە ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقىنى ئىزدىگەنلەرگە ئۇ مەڭگۈلۈك ھايات بېرىدۇ.


سىئون يەنە نالە قىلماقتا: «لېكىن ئادالەتلىكتۇر پەرۋەردىگار، ئۆزۈمدۇرمەن قارشى چىققان ئۇنىڭ ئەمرىگە. ئەي بارچە ئەللەر، قۇلاق سېلىڭلار سۆزۈمگە، بىر بېقىڭلار كۈلپەتلىرىمگە! قىز-ئوغۇللىرىم دۇچار بولدى سۈرگۈنگە.


ئاراڭلاردا پەيدا بولۇپ قالغان ئاشۇ ساختا پەيغەمبەر ياكى چۈشكە تەبىر بەرگۈچىنى چوقۇم ئۆلتۈرۈڭلار. چۈنكى ئۇلار سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرغان پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاسىيلىق قىلدۇرىدۇ. ئۇلار سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئاراڭلاردىكى رەزىللىكنى يوقىتىڭلار.


ئازاريا ئاسا پادىشاھنى كۈتۈۋالغىلى چىقىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئاسا، يەھۇدالار ۋە بىنيامىنلار، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا ماڭساڭلار، ئۇ سىلەرگە يار بولىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا ئىنتىلسەڭلار، ئۇ سىلەرگە نامايان بولىدۇ. ئەگەر سىلەر ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسەڭلار، ئۇمۇ سىلەردىن ۋاز كېچىدۇ.


زېمىننى زۇلمەت قىلسىمۇ قاراڭغۇلۇقىدا پەرۋەردىگار، ئۇنىڭ ئەمرىگە ئىتائەتسىزلىك قىلمىدى ئۇلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite