Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 12:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 مانا سائۇل، سىلەر تەلەپ قىلغان ۋە تاللىغان پادىشاھتۇر! قاراڭلار، شۇنداق، پەرۋەردىگار سىلەرگە ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن بىر پادىشاھ بەردى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 12:13
9 Referans Kwoze  

مەن غەزەپلەنسەممۇ، يەنىلا سىلەرگە پادىشاھ بەردىم. ئەمدى دەرغەزەپ بىلەن پادىشاھىڭلارنى ئەمەلدىن قالدۇرىمەن.


سامۇئىل خەلققە: _ پەرۋەردىگار تاللىغان ئادەمنى ئەمدى كۆردۈڭلارمۇ؟ خەلقىمىز ئىچىدە ئۇنىڭغا يېتىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق: _ ياشىسۇن پادىشاھ! _ دەپ چۇقان كۆتۈرۈشتى.


ئۇلار ئۇنىڭغا: _ سىز ياشىنىپ قالدىڭىز، ئوغۇللىرىڭىز بولسا سىزنىڭ يولىڭىزنى تۇتمىدى. شۇڭا بىزگە يېتەكچىلىك قىلىشقا باشقا ئەللەرنىڭكىدەك بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بەرسىڭىز، _ دېيىشتى.


كېيىن، ئۇلار سامۇئىل پەيغەمبەردىن بىر پادىشاھ تەيىنلەشنى تەلەپ قىلغانىدى. شۇڭا، خۇدا ئۇلارغا بىنيامىن قەبىلىسىدىن كىش ئىسىملىك ئادەمنىڭ ئوغلى سائۇلنى تاللاپ بەردى. سائۇل قىرىق يىل پادىشاھلىق قىلدى.


خەلق گىلگالغا بېرىپ، پەرۋەردىگار ئالدىدا سائۇلنىڭ پادىشاھ ئىكەنلىكىنى يېڭىباشتىن ئېتىراپ قىلىشتى ھەم پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئامانلىق قۇربانلىقلىرى سۇنۇشتى. سائۇل ۋە پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى شاد-خۇراملىققا چۆمدى.


ئۈچ كۈن بۇرۇن يوقاپ كەتكەن ئېشەكلىرىڭدىن غەم قىلمىغىن، ئۇلار تېپىلدى. لېكىن سەن ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۈمىدىنىڭ سەندە ۋە ئاتاڭنىڭ جەمەتىدە ئىكەنلىكىنى بىلگىن! _ دېدى.


ھازىر بۇغداي ئورىدىغان قۇرغاق ۋاقىت ئەمەسمۇ؟ مەن پەرۋەردىگاردىن تىلەي، ئۇ گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ياغدۇرسۇن. شۇ چاغدا سىلەر پادىشاھ تەلەپ قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قانچىلىك چوڭ يامان ئىش قىلغىنىڭلارنى بىلىسىلەر _ دېدى.


خەلق سامۇئىلغا: _ بىزنىڭ ئۆلۈپ كەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭىز خۇداغا دۇئا قىلسىڭىز. چۈنكى بىز پادىشاھ تەيىنلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلىپتىمىز، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite