Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 12:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 گەرچە پەرۋەردىگار خۇدا سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلار بولسىمۇ، ئەمما سىلەر ئاممونلارنىڭ پادىشاھى ناخاش سىلەرگە قارشى تۇرغاندا، سىلەر قورقۇپ، ماڭا: «بىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بەر» دېدىڭلار.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 12:12
15 Referans Kwoze  

گىدئون ئۇلارغا: _ مەن ھۆكۈمرانلىق قىلمايمەن، مېنىڭ ئوغلۇممۇ ھەم شۇنداق، پەرۋەردىگار سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، _ دېدى.


لېكىن ئەمدى سىلەر مېنى، يەنى ئۆزۈڭلارنى پۈتۈن بالايىئاپەت ۋە مۇشەققەتلەردىن قۇتقۇزغان خۇدايىڭلارنى رەت قىلىپ، ئۆزۈڭلارغا بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىڭلار. ئەمدى سىلەر قەبىلە ۋە جەمەت تەرتىپى بويىچە مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇڭلار.»


پادىشاھىڭلار قېنى؟ ئۇ سىلەرنى ھەممە شەھىرىڭلاردا قۇتقۇزالامدۇ؟ يېتەكچىلىرىڭلار نەدە؟ سىلەر بۇرۇن: ‹بىزگە پادىشاھ ۋە شاھزادىلەر بەرگەيسەن› دەپ يالۋۇردۇڭلار،


پەرۋەردىگار بىزنىڭ سوتچىمىز. پەرۋەردىگار بىزنىڭ ھۆكۈمرانىمىز. پەرۋەردىگار بىزنىڭ پادىشاھىمىز، ئۇ بىزنى قۇتقۇزىدۇ.


ئەزەلدىن بىزگە شاھ بولۇپ كەلگەنىدىڭ خۇدا، قازانغانتىڭ غەلىبىلەرنى بىز ئۈچۈن زېمىنىمىزدا.


ئۇلار ئاتىسىنىڭ يولىنى تۇتماي، مال-دۇنيا قوغلىشىپ، پارا ئېلىپ، ئەرز-دەۋالار ئۈستىدىن ناھەق ھۆكۈم چىقىراتتى.


بىراق بۈگۈنكى كۈنلۈكتە سىلەر ئىسيان كۆتۈرۈپ، ئاتامنىڭ جەمەتىگە قارشى تۇرۇپ، ئۇنىڭ 70 ئوغلىنى بىر تاشنىڭ ئۈستىدە ئۆلتۈردۈڭلار ھەمدە ئۇنىڭ دېدىكىنىڭ ئوغلى ئابىمەلەك تۇغقىنىڭلار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى شەكەم خەلقىنىڭ پادىشاھى قىلىپ تىكلىدىڭلار.


ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا كۈلپەت چۈشمەس، ئىسرائىللار بېشىغا بالا-قازا كەلمەس. ئۇلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلار بىلەن بىللىدۇر، ئۇلار ئۆز پادىشاھى بولغان پەرۋەردىگارغا ئالقىشلار ياغدۇرار.


مەن سەن ۋە سەندىن كېيىنكى ئەۋلادلىرىڭ بىلەن تۈزگەن مەڭگۈلۈك ئەھدەمدە تۇرىمەن. مەن سېنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىڭنىڭ خۇداسىدۇرمەن.


موئاب، ئاممون، ئىدوم ۋە باشقا يەرلەردىكى بارلىق يەھۇدىيەلىكلەر بابىل پادىشاھىنىڭ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يەھۇدىيەدە ياشىشىغا رۇخسەت قىلغانلىقىنى ۋە شافاننىڭ نەۋرىسى، ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانى ئۇلارنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەنلىكىنى ئاڭلىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite