Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 11:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ئەلچىلەر سائۇلنىڭ يۇرتى گىبئاھ شەھىرىگە يېتىپ كەلگەندە، خەلققە بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى. پۈتۈن خەلق داد-پەرياد كۆتۈرۈپ يىغلاشتى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 11:4
15 Referans Kwoze  

سائۇلمۇ گىبئاھقا، ئۆز ئۆيىگە قايتتى. قەلبى خۇدا تەرىپىدىن تەسىرلەندۈرۈلگەن بىر توپ باتۇرلار ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى.


پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندا، ئىسرائىللار ئۈن سېلىپ يىغلىشىپ كەتتى،


مادارى قالمىغۇچە ھۆڭرەپ يىغلاشتى.


شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل راماھقا قايتتى، سائۇلمۇ گىبئاھقا، يەنى ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.


ئىسرائىل خەلقى بەيتەلگە كېلىپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا كەچكىچە ئولتۇرۇپ، ئۈن سېلىپ ھۆڭرەپ يىغلاشتى.


زىندانغا تاشلانغان ئېتىقادچىلارنى ئۇلار بىلەن بىللە زىنداندا تۇرغاندەك ياد ئېتىپ، ياردەم قىلىڭلار. خورلانغانلارنى خۇددى ئۆزۈڭلارمۇ خورلانغاندەك ھېس قىلىپ، ياد ئېتىپ تۇرۇڭلار.


بىر-بىرىڭلارنىڭ ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئەيسا مەسىھنىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلغان بولىسىلەر.


ئەگەر بىر ئەزاغا دەرد كەلسە، پۈتكۈل ئەزالار تەڭ دەرد تارتىدۇ، بىر ئەزا قەدىرلەنسە، پۈتكۈل ئەزالار تەڭ خۇشال بولىدۇ.


خۇشال بولغانلار بىلەن بىللە خۇشال بولۇڭلار، قايغۇرغانلار بىلەن بىللە قايغۇرۇڭلار.


شۇڭا ئۇنىڭ ئەۋلادىدىن يەتتە ئەر كىشىنى بىزگە تاپشۇرۇپ بەرسىڭىز. بىز ئۇلارنى پەرۋەردىگار تاللىغان پادىشاھ سائۇلنىڭ شەھىرى گىبئاھتا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قەتل قىلىمىز، _ دېدى. _ بولىدۇ، مەن سائۇل جەمەتىدىن يەتتە ئەر كىشىنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بېرەي، _ دېدى پادىشاھ.


بۇ چاغدا سائۇل ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئالتە يۈزچە ئادەم گىبئاھنىڭ ئەڭ چېتىدىكى مىگرون دېگەن جايدا بىر ئانار دەرىخىنىڭ يېنىدىكى بارگاھتا ئىدى.


ئەساۋ ئاتىسىغا يەنە يالۋۇردى: _ ئاتا، سىز پەقەت ياقۇپقىلا دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلەمسىز؟ ماڭىمۇ دۇئا قىلىپ، خەيرلىك تىلىگەيسىز!


ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا كەچ كىرگۈچە نالە-زار قىلىپ، ئۇنىڭدىن: _ بىز يەنە قېرىنداشلىرىمىز بىنيامىنلار بىلەن جەڭ قىلساق بولامدۇ؟ _ دەپ سوراشقانىدى. پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ: _ بېرىڭلار، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار، _ دېدى.


شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنىڭ بارلىق قوشۇنى بەيتەلگە بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئولتۇرۇپ نالە-زار قىلدى ۋە كەچكىچە روزا تۇتۇشتى. پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىشتى.


ئاخىئەزەر ۋە يوئاش ئۇلارنىڭ بېشى بولۇپ، بۇلار گىبئاھلىق شىمائانىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. ئازماۋەتنىڭ ئوغۇللىرى بولغان يىزىئېل ۋە پەلەت، ئاناتوتلۇق يېھۇ، بىراكا،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite