14 سامۇئىل خەلققە: _ گىلگالغا بېرىپ، شۇ يەردە سائۇلنىڭ پادىشاھلىقىنى يېڭىباشتىن جاكارلايلى، _ دېدى.
سەن گىلگالغا مەندىن بۇرۇن يېتىپ بارىسەن. مەن شۇ يەردە كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىش ئۈچۈن قېشىڭغا بارىمەن. سەن ئۇ يەردە مەن كەلگۈچە يەتتە كۈن ساقلاپ تۇرغىن. مەن يېتىپ بارغاندىن كېيىن، نېمە قىلىشىڭنى دەپ بېرىمەن.
ئۇ ھەر يىلى بەيتەل، گىلگال، مىزپاھ شەھەرلىرىگە باراتتى ۋە ئۇ شەھەرلەردە ئىسرائىللارنىڭ ئەرز-دەۋالىرىنى سورايتتى.
ئاشدودلۇقلار ئەتىسى سەھەردە داگون بۇتىنىڭ يىقىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا يەردە يۈزىچىلاپ ياتقانلىقىنى كۆردى. ئۇلار داگوننى ئېلىپ، جايىغا تۇرغۇزۇپ قويدى.
سامۇئىل پۈتۈن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: _ قاراڭلار، مەندىن سورىغىنىڭلارنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردۈم، سىلەرگە بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بەردىم.
پادىشاھ قايتىپ، ئىئوردان دەرياسى بويىغا يېتىپ كەلدى. ئۇنى قارشى ئېلىپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈزگىلى كەلگەن يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەرمۇ گىلگالغا كەلدى.
لېكىن بەيتەلگە بارماڭلار! گىلگالغىمۇ بېرىپ يۈرمەڭلار! بەئەرشەباغىمۇ چۈشمەڭلار! چۈنكى گىلگال خەلقى چوقۇم سۈرگۈن قىلىنىدۇ، بەيتەل يوقىلىدۇ.»