Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 11:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ئىككىنچى كۈنى سائۇل ئادەملىرىنى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈپ، تاڭ ئېتىشى بىلەن ئاممونلارنىڭ بارگاھىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، چۈشكىچە ئۇلارنى قىرغىن قىلدى. ھايات قالغانلىرى ھەر تەرەپكە جانلىرىنى ئېلىپ قېچىشتى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 11:11
14 Referans Kwoze  

گىدئون قول ئاستىدىكى 300 ئادەمنى ئۈچ توپقا بۆلۈپ، ھەربىر ئادەمگە بىر بۇرغا بىلەن ئىچىگە مەشئەل قويۇلغان بىر كوزا بېرىپ،


چۈنكى، سىلەر باشقىلارغا رەھىم قىلمىساڭلار، سوراق قىلىنغاندا خۇدا سىلەرگىمۇ رەھىم قىلمايدۇ. باشقىلارغا رەھىم قىلغان بولساڭلار، خۇدانىڭ جازاسىغا ئەمەس، رەھىم قىلىشىغا ئېرىشەلەيسىلەر.


چۈنكى، سىلەر باشقىلار ئۈستىدىن قانداق ئۆلچەم بىلەن ھۆكۈم قىلساڭلار، خۇدامۇ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. سىلەر باشقىلارغا قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بەرسەڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بېرىدۇ.


كۈچ-قۇدرەت، باشپاناھ بولغۇچىمىز رەببىمىزدۇر، كۈلپەتتە قالساق ئەگەر ھەر زامان ياردەمدىدۇر.


پادىشاھ ناخاش ئۇلارغا جاۋابەن: _ ئۇنداقتا ھەربىرىڭلارنىڭ ئوڭ كۆزىنى ئويۇۋېلىپ، پۈتكۈل ئىسرائىللارنى خورلۇقتا قالدۇرۇش شەرتى ئاستىدا، سىلەر بىلەن ئەھدە تۈزەي، _ دېدى.


قوشۇنىنى ئۈچ توپقا بۆلۈپ، ئېتىزلىقتا بۆكتۈرمىدە ياتتى. ئۇ كىشىلەرنىڭ شەھەردىن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، لەشكەرلىرى بىلەن يوشۇرۇنغان جايدىن چىقىپ، ئۇلارنى قىرىپ تاشلىدى.


باراق ئۇلارنىڭ قوشۇنى ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنى خاروشەت-ھاگگويىم شەھىرىگىچە قوغلاپ باردى. سىسىرانىڭ پۈتۈن قوشۇنى قىلىچ ئاستىدا جان بەردى، بىرمۇ ئادەم تىرىك قالمىدى.


ئادونى-بەزەق: _ مەن ئىلگىرى 70 پادىشاھنىڭ پۇت-قوللىرىنىڭ باش بارماقلىرىنى كېسىۋەتكەنىدىم، ئۇلار مېنىڭ داستىخىنىمدىن ئاشقان تاماقلارنى تېرىپ يەيتتى. ئەمدى خۇدا قىلغانلىرىمنى ئۆزۈمگە ياندۇردى، _ دېدى. ئۇ يېرۇسالېمغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن ئۆلدى.


تاڭ سۈزۈلەي دېگەندە، پەرۋەردىگار ئوت ۋە بۇلۇت تۈۋرۈكى ئىچىدىن مىسىر قوشۇنىنى قالايمىقان قىلىۋەتتى.


شۇڭا ئىبراھىم بۇ يەرنى «ياھۋەھ-يىرەھ» [مەنىسى «پەرۋەردىگار تەمىنلەيدۇ»] دەپ ئاتىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ سۆز «پەرۋەردىگار ئۆز تېغىدا تەمىنلەيدۇ» دېگەن تەمسىلگە ئايلاندى. بۇ تەمسىل شۇندىن بېرى ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە.


شۇنداق قىلىپ ئۈچ توپنىڭ ھەممىسى شۇنداق قىلىشتى. ئۇلار سول قولىدا مەشئەل تۇتۇپ، ئوڭ قولىدا بۇرغا چېلىپ: _ پەرۋەردىگار ئۈچۈن، گىدئون ئۈچۈن قىلىچنى كۆتۈرەيلى! _ دەپ ۋارقىراشتى.


ئۇ ئادەملىرىنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى يوئابنىڭ قولىغا، ئۈچتىن بىرىنى يوئابنىڭ ئاكىسى، يەنى مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاينىڭ قولىغا، قالغان ئۈچتىن بىرىنى گاتلىق ئىتتاينىڭ قولىغا تاپشۇردى. داۋۇت ئۇلارغا: _ مەنمۇ سىلەر بىلەن بىرگە جەڭگە چىقىمەن، _ دېدى.


سائۇل ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئەتراپىدىكى بارلىق دۈشمەنلىرى بىلەن، يەنى موئابلىقلار، ئاممونلار، ئىدوملۇقلار، زوباھتىكى پادىشاھلار ۋە فىلىستىيەلىكلەر بىلەن جەڭ قىلدى. ئۇ قايسى يەرگە بارمىسۇن، ھەممە يەردە غەلىبە قىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite