10 ئۇلار ئاممونلارغا: _ ئەتە بىز سىلەرگە تەسلىم بولىمىز. بىزگە قانداق قىلغۇڭلار كەلسە، شۇنداق قىلىڭلار، _ دېدى.
سائۇل گىلئادتىكى يابېشتىن كەلگەن ئەلچىلەرگە: _ سىلەر يابېشقا قايتىپ بېرىپ، يابېشلىقلارغا ئېيتىڭلار، ئەتە چۈشتە ئۇلار قۇتقۇزۇلىدۇ، _ دېدى. يابېشلىقلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كېتىشتى.
ئىسرائىلىيە پادىشاھى جاۋابەن: _ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلىنىڭ سۆزلىرى بويىچە بولغاي. مەن ۋە مەندە بار ھەممە نەرسە سىلىنىڭكىدۇر، _ دېدى.