6 شۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ روھى ساڭا تۇيۇقسىز چۈشىدۇ. سەن ئۇلارغا قوشۇلۇپ، ھاياجانلانغان ھالدا زىكىر قىلىپ، باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىسەن.
سائۇل خىزمەتكارى بىلەن گىبئاھقا كەلگەندە، بىر توپ پەيغەمبەرلەرگە يولۇقتى. شۇ چاغدا خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭغىمۇ تۇيۇقسىز چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھېلىقى بىر توپ پەيغەمبەرلەرگە قوشۇلۇپ، ھاياجانلانغان ھالدا زىكىر قىلدى.
پەرۋەردىگار بۇلۇت ئىچىدە چۈشۈپ، مۇسا بىلەن سۆزلەشتى ۋە مۇساغا ئاتا قىلىنغان روھتىن يەتمىش ئاقساقالغىمۇ ئاتا قىلدى. روھ ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا چۈشۈشى بىلەنلا، ئۇلار ئەس-ھوشىنى يوقاتقان ھالدا زىكىر قىلغىلى تۇردى. لېكىن بۇنداق زىكىر قىلىش قايتا تەكرارلانمىدى.
سامۇئىل داۋۇتنىڭ بېشىغا ئاكىلىرى ئالدىدا مۈڭگۈزدىكى زەيتۇن يېغىنى قۇيدى. شۇ كۈندىن تارتىپ، داۋۇتقا پەرۋەردىگارنىڭ روھى چۈشۈشكە باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل راماھقا قايتىپ كەتتى.
شىمشونغا تۇيۇقسىز پەرۋەردىگارنىڭ روھى چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن شىمشون قولى بىلەن شىرنى ئوغلاقنى پارچىلىغاندەك پارچىلاپ تاشلىدى. ئەمما ئۇ بۇ ئىشنى ئاتا-ئانىسىغا تىنمىدى.
پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا چۈشكەچكە، ئۇ ئىسرائىللارنىڭ سەردارى بولۇپ جەڭگە چىقتى. پەرۋەردىگار ئاررام-ناخارايىم پادىشاھى كۇشان-رىشئاتايىمنى ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ، ئۇنى غەلىبە قازاندۇردى.
قىيامەت كۈنىدە نۇرغۇن كىشىلەر ماڭا: «رەببىم، رەببىم، بىز سېنىڭ نامىڭ بىلەن خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزدۇق» ۋە «سېنىڭ نامىڭ بىلەن جىنلارنى قوغلىدۇق، نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتۇق» دەيدۇ.
مەن شۇ يەرگە چۈشۈپ، سەن بىلەن سۆزلىشىمەن. ساڭا ئاتا قىلغان روھتىن ئۇلارغىمۇ ئاتا قىلىمەن. سەن بۇ خەلقنىڭ ئېغىرلىقىنى يالغۇز كۆتۈرمەسلىكىڭ ئۈچۈن، ئۇلار يېنىڭغا كېلىپ ئېغىرلىقىڭنى يەڭگىل قىلىدۇ.
ئاقساقاللار ئىچىدىكى ئەلداد ۋە مېداد ئىسىملىك ئىككى ئاقساقال ئۇچرىشىش چېدىرىغا بارماي قارارگاھلىرىدا قالغانىدى، ئۇ يەردە ئۇلارغىمۇ روھ چۈشتى. ئۇلارمۇ زىكىر قىلىشتى.
مۇسا ئۇنىڭغا: _ سەن مېنىڭ ئورنۇمدىن ئەنسىرەۋاتامسەن؟ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز روھىنى پۈتۈن خەلققە ئاتا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پەيغەمبەر بولۇشنى خالايتتىم، _ دەپ جاۋاب بەردى.
سائۇل سامۇئىلدىن ئايرىلىپ كەينىگە بۇرۇلۇپ مېڭىشىغىلا، خۇدا ئۇنىڭغا يېڭى بىر قەلب ئاتا قىلدى. ئالدىن دېيىلگەن ئاشۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى شۇ كۈنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
شۇنىڭ بىلەن سائۇل داۋۇتنى تۇتۇپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندا، سامۇئىلنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھاياجانلانغان ھالدا زىكىر قىلىۋاتقان بىر توپ پەيغەمبەرلەرنى كۆردى. شۇ چاغدا خۇدانىڭ روھى سائۇلنىڭ ئادەملىرىگىمۇ چۈشتى ۋە ئۇلارمۇ ھاياجانلانغان ھالدا زىكىر قىلىشقا باشلىدى.
شىمشون لەخى دېگەن جايغا ئېلىپ كېلىندى. فىلىستىيەلىكلەر چۇقان-سۈرەن سېلىشىپ تەنتەنە قىلىشتى. شىمشونغا تۇيۇقسىز پەرۋەردىگارنىڭ روھى چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مۈرە-بىلەكلىرىگە باغلانغان ئارغامچىلار خۇددى ئوتقا چۈشكەن زىغىر يىپتەك ئۈزۈلۈپ كەتتى.
سائۇل بۇ خەۋەرنى ئاڭلاش بىلەن ئۇنىڭغا تۇيۇقسىز خۇدانىڭ روھى چۈشتى ۋە ئۇنىڭ غەزىپى قاتتىق ئۆرلىدى.