Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 10:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 سەن ئۇ يەردىن ئۆتۈپ، يەنە ئالدىغا مېڭىپ، تابوردىكى دۇپ دەرىخىنىڭ يېنىغا يېتىپ بارغىنىڭدا، خۇداغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بەيتەلگە ماڭغان ئۈچ ئادەمنى ئۇچرىتىسەن. ئۇلارنىڭ بىرى ئۈچ ئوغلاق، يەنە بىرى ئۈچ نان ۋە يەنە بىرى بىر تۇلۇم شاراب ئېلىۋالغان بولۇپ،

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 10:3
22 Referans Kwoze  

بىز بۇ يەردىن ئايرىلىپ، بەيتەل شەھىرىگە بارىمىز. مەن ئۇ يەردە خۇداغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسايمەن. چۈنكى مەن قىيىنچىلىققا ئۇچراپ، مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا، خۇدا ماڭا يار بولۇپ، ياردەم قىلغانىدى، _ دېدى.


خۇدا ياقۇپقا: _ سەن ئاكاڭ ئەساۋدىن قېچىپ ماڭغىنىڭدا، بەيتەل شەھىرىدە ساڭا زاھىر بولغان خۇدا مەن بولىمەن. سەن ئەمدى بەيتەلگە بېرىپ، ئۇ يەردە ئولتۇراقلاش ۋە مەن ئۈچۈن بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسا، _ دېدى.


مەن خاتىرە تاش تىكلەپ قويغان بۇ جاي ئىنسانلار ساڭا ئىبادەت قىلىدىغان مۇقەددەس جاي بولىدۇ. ماڭا بېغىشلىغانلىرىڭنىڭ ئوندىن بىرىنى ساڭا ئاتايمەن، _ دېدى.


بۇ يەرنىڭ بۇرۇنقى ئىسمى لۇز بولسىمۇ، ياقۇپ ئۇنى بەيتەل [مەنىسى «خۇدانىڭ ئۆيى»] دەپ ئاتىدى.


ياراتقانسەن شىمال، جەنۇب ۋە ئۇلاردىكى ھەممىنى، شادلىقتا نامىڭنى كۈيلەر تابور، خەرمون چوققىلىرى.


گىدئون زەباخ بىلەن زالمۇننادىن: _ سىلەر تابور تېغىدا ئۆلتۈرگەن ئادەملەر قانداق ئادەملەر ئىدى؟ _ دەپ سورىدى. ئۇلار جاۋابەن: _ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساڭا ئوخشايدىغان شاھزادە سۈپەت ئادەملەر ئىدى، _ دېدى.


سىسىرا ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراقنىڭ تابور تېغىغا كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ،


بىر كۈنى ئۇ نافتالىدىكى قەدەش شەھىرىگە ئادەم ئەۋەتىپ ئابىنوئامنىڭ ئوغلى باراقنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ساڭا: «نافتالى ۋە زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن 10 مىڭ ئادەمنى يىغىپ، ئۇلارنى تابور تېغىغا باشلاپ كەل.


ئۇلارنىڭ زېمىنى تابور، شاخازىما ۋە بەيت-شەمەش شەھەرلىرىگە تۇتىشىپ، ئىئوردان دەرياسىدا ئاخىرلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ زېمىنى 16 شەھەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە.


قارشى تەرەپتە سارىد شەھىرىدىن شەرقىي تەرەپكە سوزۇلۇپ، كىسلوت-تابور شەھىرىنىڭ پاسىلىغا بېرىپ، ئۇ يەردىن دابىرات شەھىرىگىچە سوزۇلۇپ، يەنە يۇقىرىلاپ يافىيا شەھىرىگە تۇتىشىدۇ.


شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۈپەتلىك ئۇندىن ئىككى كىلو ئېلىپ، ئۇنىڭغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇپ، ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. بۇلار مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ. بىر لىتىر شارابنىمۇ ئىچىملىك ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇڭلار.


مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن سۇنۇلىدىغان ئامانلىق قۇربانلىقىغا قوشۇپ خېمىرتۇرۇچ سېلىنغان توقاچمۇ سۇنسۇن.


ئەگەر سۇنماقچى بولغىنى ئۆچكە بولسا، سۇنغۇچى ئۆچكىنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كېلىپ،


ئەگەر بىرسى قوي ياكى ئۆچكىنى ئامانلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە ماڭا سۇنماقچى بولسا، مەيلى ئەركەك، مەيلى چىشى بولسۇن، چوقۇم بېجىرىم بولسۇن.


ئەگەر قوي ياكى ئۆچكىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، چوقۇم بېجىرىم قوچقار ياكى تېكىنى ئېلىپ كەلسۇن.


ئۇلار ساڭا سالام قىلىپ، ئىككى نان بېرىدۇ. سەن بەرگەن نانلارنى ئالغىن.


كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىدەك بىر نەۋرە قېرىندىشىم خانامئېل قاراۋۇلخانىغا مېنى يوقلاپ كەلدى. ئۇ: _ بىنيامىن زېمىنىغا قاراشلىق ئاناتوتتىكى ئېتىزلىقىمنى سېتىۋالغىن، چۈنكى قانۇن بويىچە ئۇ يەرنى باشقىلارغا سېتىشتىن بۇرۇن سېنىڭ سېتىۋېلىش ھوقۇقۇڭ بار. شۇڭا ئۇ يەرنى ئۆزۈڭ سېتىۋالغىن، _ دېدى. مەن بۇنى ئاڭلاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ھەقىقەتەن سۆزلىگەنلىكىنى بىلدىم.


ئىسرائىل خەلقى بەيتەلگە بېرىپ پەرۋەردىگاردىن: _ بىنيامىنلار بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن بىزدىن قايسى قەبىلە ئاۋۋال چىقسۇن؟ _ دەپ سورىدى. پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ: _ يەھۇدا قەبىلىسى ئاۋۋال چىقسۇن، _ دېدى.


ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا كەچ كىرگۈچە نالە-زار قىلىپ، ئۇنىڭدىن: _ بىز يەنە قېرىنداشلىرىمىز بىنيامىنلار بىلەن جەڭ قىلساق بولامدۇ؟ _ دەپ سوراشقانىدى. پەرۋەردىگار جاۋاب بېرىپ: _ بېرىڭلار، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار، _ دېدى.


(ئۇ چاغلاردا خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقى شۇ يەردە بولۇپ،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite