Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 10:27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

27 لېكىن بەزى ئوسال كىشىلەر: _ بۇ ئادەم قانداقمۇ بىزنى قۇتقۇزالايدۇ؟ _ دېيىشىپ، سائۇلنى مەنسىتمەي، ئۇنىڭغا ھېچقانداق سوۋغات بەرمىدى. سائۇل ھېچنېمە دېمىدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 10:27
21 Referans Kwoze  

شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلدى. بارلىق يەھۇدىيەلىكلەر ئۇنىڭغا سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلدى. ئۇ چەكسىز بايلىق ۋە شەرەپكە ئىگە بولدى.


ھەر يىلى كەلگەنلەر ھەر خىل تارتۇقلارنى، يەنى ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلار، تون-سەرپايىلار، قورال-ياراغلار، خۇشبۇي ئەشيالار، ئات ۋە قېچىر قاتارلىقلارنى ئېلىپ كېلەتتى.


روھانىي ئەلىنىڭ ئوغۇللىرى ئوسال بولۇپ، پەرۋەردىگارغا بىپەرۋا ئىدى.


مانا شۇ مۇسا پەيغەمبەرنى ھېلىقى يەھۇدىيلار: «كىم سېنى بىزگە باشلىق ياكى سوراقچى بولسۇن دەپتۇ!؟» دەپ رەت قىلغانىدى. لېكىن، مۇسا پەيغەمبەرگە خۇدانىڭ پەرىشتىسى كۆيۈۋاتقان تىكەنلىكتە كۆرۈنۈپ: «ئىسرائىل خەلقىنى قۇتقۇزۇپ، ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىسەن» دەپ، ئۇنى مىسىرغا ئەۋەتتى.


خەلق سۈكۈت قىلىپ، ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمىدى، چۈنكى پادىشاھ خىزكىيا ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرماسلىقنى بۇيرۇغانىدى.


ئۇنىڭغا باج تاپشۇرار تارشىش ۋە ئاراللارنىڭ پادىشاھلىرى، سوۋغا تەقدىم قىلىشار شىبا ۋە سىبانىڭ شاھلىرى.


ھېچنېمىنى ئاڭلىمايمەن گاس ئادەمدەك، ھېچبىرىگە سۆز قىلمايمەن گاچىلاردەك.


ئۇنىڭ ئەتراپىغا بىر تۈركۈم مۇتتەھەملەر يىغىلىپ، سۇلايماننىڭ ئوغلى رىخوبئام بىلەن قارشىلاشتى. ئۇ چاغدا رىخوبئام تېخى ياش، تەجرىبىسىز بولۇپ، قارشى تۇرۇشقا كۈچى يوق ئىدى.


پادىشاھ سۇلايمان فىرات دەرياسىدىن فىلىستىيەگىچە، فىلىستىيەدىن مىسىرغىچە بولغان ئارىلىقتىكى پۈتۈن پادىشاھلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. ئۇلار سۇلايمان ھايات چېغىدا ئۇنىڭغا ئالۋان-سېلىق تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى.


شۇ چاغدا شىبا ئىسىملىك بىر ئوسال ئادەم شۇ يەردە بولۇپ، ئۇ بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بىكرىنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇ بۇرغا چالدى ۋە مۇنداق دېدى: «يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ بىزگە ئۆتكۈزۈپ قويغىنى يوق، بىزنىڭ ھەم ئۇنىڭدا قەرزىمىز يوق. ھەي ئىسرائىللار، ھەممىمىز ئۆز ئۆيلىرىمىزگە قايتايلى!»


ئۇ موئابلارنىمۇ مەغلۇپ قىلدى. ئۇ ئۇلارنى يەرگە يېتىشقا بۇيرۇدى. ئاندىن تانا بىلەن ئۇلارنى ئۆلچەپ، ئىككى تانا ئۇزۇنلۇقى ئىچىدىكىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، بىر تانا ئۇزۇنلۇقى ئىچىدىكىلەرنى ساق قالدۇردى. شۇنداق قىلىپ، تىرىك قالغان موئابلار داۋۇتقا ئەل بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالۋان-سېلىق تۆلەيدىغان بولدى.


خەلق سامۇئىلغا: _ سائۇل قانداقمۇ بىزگە پادىشاھ بولالىسۇن دېگەنلەر كىملەر؟ ئۇلار ئوتتۇرىغا چىقىرىلسۇن، بىز ئۇلارنى ئۆلتۈرىمىز، _ دېيىشتى.


ھەم ئۆيگە كىرىپ بالىنى ئانىسى مەريەم بىلەن بىللە كۆرگىنىدە، يەرگە باش قويۇپ بالىغا سەجدە قىلىشتى. ئاندىن، ساندۇقلىرىنى ئېچىپ، ئالتۇن، مەستەك، مۇرمەككى قاتارلىق سوۋغاتلارنى ئېلىپ سۇنۇشتى.


سائۇل: _ بۈگۈن ھېچكىمنى ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ. چۈنكى بۈگۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەگە نۇسرەت ئاتا قىلغان كۈن، _ دېدى.


يىشاي ئوغلى داۋۇتنى بىر ئوغلاق، نان ئارتىلغان بىر ئېشەك ۋە بىر تۇلۇم شاراب بىلەن بىرگە سائۇلغا ئەۋەتتى.


ئەمدى نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆزىڭىز ئويلىنىپ باقسىڭىز. خوجايىنىمىز ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىنىڭ بېشىغا بالا-قازا كېلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. خوجايىنىمىزنىڭ مىجەزى بەك يامان، ئۇ ھېچكىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدۇ، _ دېدى.


تىر پادىشاھى ھىرام ئۇزۇن يىللاردىن بېرى پادىشاھ داۋۇت بىلەن يېقىن دوستلاردىن ئىدى. ئۇ سۇلايماننىڭ ئاتىسى داۋۇتنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆز ئەلچىلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا سالامغا ئەۋەتتى.


باشقىلارنىڭ سۆزىنى كۆڭلۈڭگە ئالما، بەلكىم مالايلارنىڭمۇ تىل-ئاھانىتىگە قېلىشىڭ مۇمكىن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite