25 سامۇئىل خەلققە پادىشاھنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ھوقۇقىنى ئېيتىپ بەردى ھەمدە ئۇلارنى يازما شەكىلدە يېزىپ، مۇقەددەس جايغا قويدى. ئاندىن كېيىن خەلقنى ئۆيلىرىگە قايتۇرۇۋەتتى.
سەن ئېتىقادچىلارغا شۇنى ئەسلىتىپ تۇرغىنكى، ئۇلار ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا بويسۇنسۇن، ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ھەرقانداق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تەييار تۇرسۇن.
بولۇپمۇ پادىشاھلار ۋە بارلىق ئەمەلدارلار ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلىشنى ئۆتۈنىمەن. بۇنداق بولغاندا، بىز ئامان-ئېسەن ھايات كەچۈرەلەيمىز. شۇنداقلا، ھاياتىمىز خۇداغا بولغان ئىخلاسمەنلىك ۋە ھۆرمەت بىلەن تولىدۇ.
_ بۇ قانۇن پۈتۈلگەن يازمىنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېنىغا قويۇڭلار. ئۇ خۇدانىڭ سىلەرنى ئەيىبلىگەنلىكىگە گۇۋاھ بولسۇن.
ھازىر ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغىن. بىراق ئۇلارنى شۇنداق قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ قويغىنكى، ئۇلار تەلەپ قىلغان پادىشاھنىڭ ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ قالسۇن!
سامۇئىل خەلققە: _ گىلگالغا بېرىپ، شۇ يەردە سائۇلنىڭ پادىشاھلىقىنى يېڭىباشتىن جاكارلايلى، _ دېدى.
باش روھانىي يىھويادا يەھۇدىيە خەلقىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سادىق خەلقى بولۇشى ئۈچۈن پادىشاھ ۋە خەلق بىلەن پەرۋەردىگار ئوتتۇرىسىدا ئەھدە تۈزدى. ئۇ يەنە پادىشاھ بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىمۇ ئەھدە تۈزدۈردى.
كېيىن يوشۇۋا ئۇلارغا بەخت تىلەپ، ئۇزىتىپ قويدى. ھەممىسى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىشتى.