23 بىرسى يۈگۈرۈپ بېرىپ، سائۇلنى ئۇ يەردىن ئېلىپ كەلدى. ئۇ ھەممە ئادەملەردىن ئېگىز ئىدى، باشقىلار پەقەت ئۇنىڭ مۈرىسىگە كېلەتتى.
كىشنىڭ سائۇل ئىسىملىك كېلىشكەن بىر ئوغلى بار ئىدى، ئۇ ئىسرائىل خەلقى ئىچىدە ئەڭ ئېگىز ۋە ئەڭ كېلىشكەن يىگىت بولۇپ، ئۇنىڭدەك يەنە بىر كېلىشكەن ئادەم يوق ئىدى.
فىلىستىيەلىكلەر تەرەپتىن گوليات ئىسىملىك كۈچتۈڭگۈر بىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇ گات شەھىرىدىن بولۇپ، بويىنىڭ ئېگىزلىكى ئۈچ مېتىرغا يېقىن كېلەتتى.
لېكىن پەرۋەردىگار سامۇئىلغا: «ئۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بىلەن ئېگىز بەستىگىلا قارىمىغىن، مەن ئۇنى تاللىمىدىم. پەرۋەردىگار ئادەملەرگە ئوخشاش تاشقى كۆرۈنۈشكە ئەمەس، بەلكى قەلبكە قارايدۇ» دېدى.
خۇدا ئادەمئاتىنى ئېرەم باغدىن قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، ھاياتلىق دەرىخىگە بارىدىغان يولنى قوغداش ئۈچۈن، ئېرەم باغنىڭ شەرق تەرىپىگە «كېرۇب» دەپ ئاتىلىدىغان مەخلۇقلارنى ۋە ھەر تەرەپكە بارالايدىغان ئوتلۇق بىر قىلىچنى ئورۇنلاشتۇردى.
بىنيامىن قەبىلىسىدە كىش ئىسىملىك بىر ئادەم بولۇپ، ئۇ ئابرۇيلۇق ئادەم ئىدى. ئۇ ئابىئېلنىڭ ئوغلى، ئابىئېل زىرورنىڭ ئوغلى، زىرور بىكوراتنىڭ ئوغلى، بىكورات بولسا ئافىياھنىڭ ئوغلى ئىدى.