Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 10:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

20 شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل ھەممە قەبىلىلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا تىزدى. چەك تاشلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىنيامىن قەبىلىسى تاللاندى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 10:20
9 Referans Kwoze  

سائۇل پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇداغا: _ ئى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، كىمنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەيسەن. ئەگەر گۇناھ مەن ۋە ئوغلۇم يوناتاندا بولسا، چەكتىن «ئۇرىم» چىقسۇن، ئەگەر گۇناھ ئىسرائىل خەلقىدە بولسا، چەكتىن «تۇممىم» چىقسۇن، _ دېدى. چەك تاشلاندى، چەك سائۇل بىلەن يوناتانغا چىقتى، خەلق ئاقلاندى.


لېكىن ئەمدى سىلەر مېنى، يەنى ئۆزۈڭلارنى پۈتۈن بالايىئاپەت ۋە مۇشەققەتلەردىن قۇتقۇزغان خۇدايىڭلارنى رەت قىلىپ، ئۆزۈڭلارغا بىر پادىشاھ تەيىنلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىڭلار. ئەمدى سىلەر قەبىلە ۋە جەمەت تەرتىپى بويىچە مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھازىر بولۇڭلار.»


ئاندىن سامۇئىل بىنيامىن قەبىلىسىدىكى ھەربىر جەمەتنى ئالدىغا چىقاردى. چەك تاشلاش ئارقىلىق ئۇلاردىن ماترى جەمەتى تاللاندى. ئاخىرىدا چەك تاشلاش ئارقىلىق ماترى جەمەتىدىكىلەردىن كىشنىڭ ئوغلى سائۇل تاللاندى. لېكىن ئۇلار سائۇلنى ئىزدەپ، تاپالمىدى.


شۇڭا سائۇل: _ ئەي لەشكەر باشلىرى، ھەممىڭلار بۇ يەرگە كېلىڭلار، بۈگۈن نېمە گۇناھ قىلىنغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقايلى.


ئابنېر بۇ سۆزنى بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەرگىمۇ ئېيتتى. ئاندىن ئۇ ئىسرائىللارنىڭ، جۈملىدىن بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ نېمىگە ماقۇل بولغانلىقىنى داۋۇتقا ئېيتقىلى ھىبرونغا باردى.


كېمىچىلەر: _ بىزنىڭ بۇ بالايىئاپەتكە دۇچار بولۇشىمىزغا كىم سەۋەبلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقايلى، _ دېيىشتى ۋە چەك تاشلاشتى، چەك يۇنۇسقا چىقتى.


مۇسا بىنيامىن قەبىلىسى توغرىسىدا مۇنداق دۇئا قىلدى: «پەرۋەردىگارنىڭ ياخشى كۆرگەن قەبىلىسى پەرۋەردىگارنىڭ قۇچىقىدا بىخەتەردۇر، پەرۋەردىگار كۈنبويى قوغدايدۇ ئۇلارنى.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite