Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 10:18 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

18 ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا شۇنداق دەيدۇ: «مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم، سىلەرنى مىسىرلىقلارنىڭ ۋە سىلەرگە زۇلۇم قىلغان بارلىق ئەللەرنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقتىم.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 10:18
7 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى گىلگال شەھىرىدىن بوقىمغا كېلىپ ئىسرائىللارغا: _ مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، ئەجدادلىرىڭلارغا ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئېلىپ باردىم. مەن سىلەرگە: «سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ھەرگىز بۇزمايمەن.


سىلەر زېمىنىڭلارغا باستۇرۇپ كەلگەن دۈشمەنگە قارشى جەڭگە ئاتلانغاندا، بۇ ئىككى كاناي بىلەن چاقىرىق قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى قوغداپ، دۈشمىنىڭلاردىن قۇتۇلدۇرىمەن.


ياقۇپ مىسىرغا كەلگەندىن كېيىن، ئاتا-بوۋاڭلار پەرۋەردىگارغا يېلىندى. پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇننى ئاتا-بوۋاڭلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىشقا ئەۋەتتى. ئۇلار ئاتا-بوۋاڭلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، مۇشۇ يەرگە ئولتۇراقلاشتۇردى.


ئۇلار مېنىڭ ئۆزلىرىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ ھەمدە مېنىڭ ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىشىم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشىشىم ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى خۇدادۇرمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite