Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 10:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 _ ئۇ بىزگە ئېشەكلەرنىڭ تېپىلغانلىقىنى دەپ بەردى، _ دېدى سائۇل. لېكىن ئۆزىنىڭ پادىشاھ بولۇپ تەيىنلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا سامۇئىلنىڭ ئېيتقانلىرىنى تاغىسىغا دېمىدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 10:16
9 Referans Kwoze  

ئەخمەق بىراقلا ئاشكارىلار غەزىپىنى، ئاقىل بېسىۋالار ئۆزىنى.


ئۇلار شەھەرنىڭ چېتىگە بارغاندا، سامۇئىل سائۇلغا: _ خىزمەتكارىڭغا ئېيتقىن، ئۇ ئاۋۋال مېڭىپ تۇرسۇن، _ دېدى. خىزمەتكار كەتكەندىن كېيىن سامۇئىل: _ بىز بۇ يەردە بىر دەم تۇرايلى، ساڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىنى يەتكۈزۈپ قوياي، _ دېدى.


ئۈچ كۈن بۇرۇن يوقاپ كەتكەن ئېشەكلىرىڭدىن غەم قىلمىغىن، ئۇلار تېپىلدى. لېكىن سەن ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۈمىدىنىڭ سەندە ۋە ئاتاڭنىڭ جەمەتىدە ئىكەنلىكىنى بىلگىن! _ دېدى.


شىمشونغا تۇيۇقسىز پەرۋەردىگارنىڭ روھى چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن شىمشون قولى بىلەن شىرنى ئوغلاقنى پارچىلىغاندەك پارچىلاپ تاشلىدى. ئەمما ئۇ بۇ ئىشنى ئاتا-ئانىسىغا تىنمىدى.


شۇنىڭ بىلەن مۇسا قېيىنئاتىسى يېترونىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ مېنىڭ مىسىرغا قايتىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنىڭ ئۆلۈك ياكى تىرىكلىكىنى بىلىپ كېلىشىمگە ئىجازەت بەرگەيسىز، _ دېدى. يىترو ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپ، ئاق يول تىلىدى.


_ ئۇ سىلەرگە نېمە دېدى؟ _ دەپ سورىدى سائۇلنىڭ تاغىسى.


ئۇ ھەسەلدىن قولىغا ئازراق ئېلىپ، يولدا يېگەچ ماڭدى ۋە ئېلىپ بېرىپ ئاتا-ئانىسىغىمۇ بەردى. ئاتا-ئانىسىمۇ ئۇ بەرگەن ھەسەلنى يېدى. ئەمما ئۇ بۇ ھەسەللەرنى ئۆزى ئۆلتۈرگەن شىرنىڭ تېنىدىن ئالغانلىقىنى ئۇلارغا ئېيتمىدى.


بىلىندۇرمەس زېرەكلەر ئۆز بىلىمىنى، ئاشكارىلار ئەخمەقلەر ئۆزىنىڭ نادانلىقىنى.


يىرتىشنىڭ ۋە تىكىشنىڭ ۋاقتى بار، سۈكۈت قىلىشنىڭ ۋە سۆزلەشنىڭمۇ ۋاقتى بار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite