Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 10:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ئىلگىرى سائۇلنى تونۇيدىغانلار بۇنى كۆرۈپ ھەيران قېلىپ، بىر-بىرىگە: _ كىشنىڭ ئوغلىغا نېمە بولغاندۇ؟ سائۇلمۇ پەيغەمبەرلەردىنمىدۇ؟ _ دېيىشتى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 10:11
10 Referans Kwoze  

يەھۇدىي ئاقساقاللىرى: - بۇ ئادەم ھېچقانداق تەلىم ئالمىغان تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭ قانداقمۇ مۇنچە كۆپ بىلىمى بولسۇن؟ - دەپ ھاڭ-تاڭ قېلىشتى.


ئۇ راموتقا بارغاندىن كېيىن، ئۇمۇ كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، بىر كېچە-كۈندۈز سامۇئىلنىڭ ئالدىدا ھاياجانلانغان ھالدا زىكىر قىلدى. ئۇ يىقىلغان پېتى يالىڭاچ ياتتى. شۇنىڭدىن كېيىن «سائۇلمۇ پەيغەمبەرلەردىنمىدۇ؟» دېگەن سۆز كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا تارقالدى.


ئاڭلىغۇچىلار ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ھەيران بولۇشۇپ: - بۇ ئادەم يېرۇسالېمدا ئەيساغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا ۋەھشىيلەرچە زىيانكەشلىك قىلغان ھېلىقى ئادەم ئەمەسمۇ؟ بۇ يەرگىمۇ ئېتىقادچىلارنى ئالىي روھانىيلارغا تۇتۇپ بېرىش مەقسىتىدە كەلگەنمىدۇ؟ - دېيىشتى.


پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ بۇ جۈرئىتىنى كۆرگەن كېڭەشمە ھەيئەتلىرى ئۇلارنىڭ ئوقۇمىغان ئادەتتىكى ئادەملەردىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ھەيران بولۇشتى. ئۇلارنىڭ بۇرۇن ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە بولغانلىقىنىمۇ بىلدى.


ئۇنىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ «گۈزەل دەرۋازا»~سى ئالدىدا تىلەمچىلىك قىلىپ ئولتۇرىدىغان ھېلىقى كىشى ئىكەنلىكىنى تونۇپ، داڭ قېتىپ قېلىشتى.


ئاموس ئامازياغا مۇنداق جاۋاب بەردى: _ مەن پەيغەمبەرمۇ ھەم پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادىمۇ ئەمەس ئىدىم، پەقەت چارۋىچى ئىدىم. ئەنجۈر دەرەخلىرىنىمۇ پەرۋىش قىلاتتىم.


پەرۋەردىگار مېنى پادىلىرىمدىن ئايرىپ، ماڭا: «بېرىپ ئىسرائىلىيەدىكى خەلقىمگە ۋەھىي يەتكۈزگىن» دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite