5 ھانناغا بولسا ئىككى ئۈلۈش بېرەتتى. چۈنكى ئەلقانا ئۇنى ياخشى كۆرەتتى. ۋاھالەنكى، پەرۋەردىگار ئۇنى تۇغماس قىلىپ قويغانىدى.
ياقۇپ راھىلەگە ئاچچىقلاپ: _ سېنى تۇغماس قىلىپ قويغان خۇدا تۇرسا، مەن نېمە قىلالايتتىم؟ _ دېدى.
ئۇ يەنە ھەربىر ئاكىسىغا بىر قۇردىن يېڭى كىيىم سوۋغا قىلدى. بىنيامىنغا بولسا بەش قۇر كىيىم بىلەن ئۈچ يۈز كۈمۈش تەڭگە بەردى.
ئىبرامنىڭ ئايالى ساراھ تۇغماس ئىدى، ئۇنىڭ ھەجەر ئىسىملىك مىسىرلىق بىر دېدىكى بار ئىدى.
تاماق ئۇلارغا يۈسۈپنىڭ داستىخىنىدىن بۆلۈپ بېرىلدى. بىنيامىنغا باشقىلاردىن بەش ھەسسە ئارتۇق بېرىلدى. ئۇلار يۈسۈپ بىلەن بىر سورۇندا يەپ-ئىچىپ، ئىنتايىن خۇشال بولۇشتى.
_ ئەگەر بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئايالى بولۇپ، ھەر ئىككىلا ئايالى ئوغۇل تۇغقان بولسا، لېكىن ئۇ ئادەم بىر ئايالىنى ياخشى كۆرۈپ، يەنە بىر ئايالىنى ياخشى كۆرمىسە، تۇنجى ئوغلى ياخشى كۆرمەيدىغان ئايالىنىڭ بالىسى بولسا،
راھىلە ياقۇپقا بالا تۇغۇپ بېرەلمىگەچكە، ھەدىسىگە ھەسەت قىلىپ، ياقۇپقا: _ مەندىنمۇ بالا تېپىڭ، بولمىسا ئۆلگىنىم ياخشى! _ دېدى.
ساراھ تۇغماس بولغاچقا، پەرزەنت كۆرمىگەنىدى.