سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 1:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى23 ئەلقانا ئۇنىڭغا: _ مەيلى، قانداق قىلىشنى ياخشى كۆرسەڭ، شۇنداق قىلغىن. بالا ئەمچەكتىن چىققۇچە، ئۆيدە تۇرۇپ تۇرغىن. پەرۋەردىگار قەسىمىڭنى ئادا قىلىشىڭغا مەدەت بەرگەي، _ دېدى. Gade chapit la |
ئەمما مەن ئۆز پەيغەمبەرلىرىمنىڭ سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. مەن ئۇلارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق يېرۇسالېم توغرىسىدا مۇنداق دېدىم: ‹ھامان بىر كۈنى يېرۇسالېمدا خەلقىم ياشايدۇ.› يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرى توغرىسىدا پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق مۇنداق دېدىم: ‹ئۇلار ھامان بىر كۈنى بۇ خارابىلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىدۇ.›
ئاندىن سائۇل ئادەملىرىگە: _ كېچىچە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ، تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى تارتىۋالايلى، ھېچ بىرىنى تىرىك قويمايلى! _ دېدى. _ سىزگە قانداق قىلىش ياخشى بولسا، شۇنداق قىلىڭ، _ دېدى ئۇلار. لېكىن روھانىي سۆز قىستۇرۇپ: _ بىز ئالدى بىلەن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلەيلى، _ دېدى.