Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 1:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 _ ئامان-ئېسەن بولغىن، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا تىلىگىنىڭنى بەرگەي، _ دېدى ئەلى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 1:17
14 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - قىزىم، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! تىنچ-ئامان قايت. داۋاملىق سالامەت بول، - دېدى.


ياش لاۋىي ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: _ خاتىرجەم مېڭىۋېرىڭلار، پۈتۈن سەپىرىڭلارنى پەرۋەردىگار كۆزىتىپ تۇرىدۇ، _ دېدى.


ئېلىشا: _ خاتىرجەم بولغىن، كېتىۋەرگىن، _ دېدى. نائامان ئېلىشانىڭ قېشىدىن ئايرىلىپ، يولىغا راۋان بولدى.


داۋۇت ئابىگال ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلىپ: _ سۆزلىرىڭىزنى ئاڭلاپ، ئىلتىجايىڭىزنى قوبۇل قىلدىم. ئەمدى ئۆيىڭىزگە قايتىڭ، ئامان-ئېسەن بولۇڭ، _ دېدى.


ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى ئايالغا: - ماڭا باغلىغان ئىشەنچىڭ سېنى قۇتقۇزدى. ئامان بول! - دېدى.


- قىزىم، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! تىنچ-ئامان بول، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.


يابېز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا: «ئى خۇدا، ماڭا بەخت ئاتا قىلىپ، زېمىنىمنى كېڭەيتىپ بەرگەيسەن. ماڭا يار بولۇپ، مۈشكۈلات ۋە ئازابلاردىن يىراق قىلغايسەن» دەپ دۇئا قىلغانىدى. خۇدا ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى.


ئەمدى سىز قايتىڭ، تىنچلا قايتىپ كېتىڭ، بەگلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ قويماڭ، _ دېدى.


رىبەقا پەرزەنت كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئىسھاق پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلدى، رىبەقا ھامىلىدار بولدى.


مېنى يامان ئايال دەپ قالمىسىلا، غەم-قايغۇلىرىمنىڭ كۆپلىكىدىن شۇنداق دۇئا قىلدىم، _ دېدى.


ئەلقانا ئۇنىڭغا: _ مەيلى، قانداق قىلىشنى ياخشى كۆرسەڭ، شۇنداق قىلغىن. بالا ئەمچەكتىن چىققۇچە، ئۆيدە تۇرۇپ تۇرغىن. پەرۋەردىگار قەسىمىڭنى ئادا قىلىشىڭغا مەدەت بەرگەي، _ دېدى.


يوناتان داۋۇتقا: _ بىز پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ، «پەرۋەردىگار ئىككىمىزنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىمىزنىڭ دوستلۇقىغا مەڭگۈ گۇۋاھ بولسۇن» دېگەنىدۇق. ئەمدى سەن يولۇڭغا ماڭغىن، ئامان-ئېسەن بولغىن! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت كەتتى، يوناتانمۇ شەھەرگە قايتتى.


پادىشاھ: _ بارغىن، ئامان-ئېسەن بولغىن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئابسالوم ھىبرونغا باردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite