Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 1:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ئەفرايىم تاغلىق رايونىغا جايلاشقان راماتايىم-زوفىم شەھىرىدە بىر كىشى ياشايتتى. ئۇنىڭ ئىسمى ئەلقانا بولۇپ، ئۇ يىروخامنىڭ ئوغلى ئىدى. يىروخام ئەلىھۇنىڭ ئوغلى، ئەلىھۇ تۆھۈنىڭ ئوغلى، تۆھۈ ئەفرايىم قەبىلىسىدىن بولغان زۇفنىڭ ئوغلى ئىدى.

Gade chapit la Kopi




سامۇئىل بىرىنچى قىسىم 1:1
21 Referans Kwoze  

سامۇئىل ئەلقانانىڭ ئوغلى، ئەلقانا يىروخامنىڭ ئوغلى، يىروخام ئەلىئېلنىڭ ئوغلى، ئەلىئېل توۋاخنىڭ ئوغلى،


ئەتىسى ئەلقانانىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تاڭ سەھەردە تۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلغاندىن كېيىن، راماھتىكى ئۆيىگە قايتىپ كېلىشتى. ئەلقانا ئايالى ھاننا بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى ۋە پەرۋەردىگار ھاننانىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلدى.


داۋۇت يەھۇدا زېمىنىنىڭ بەيتلەھەم شەھىرىدىكى ئەفراتا جەمەتىدىن بولغان يىشاي دېگەن ئادەمنىڭ بالىسى بولۇپ، يىشاينىڭ سەككىز ئوغلى بار ئىدى. سائۇل ھۆكۈم سۈرگەن دەۋردە، يىشاي ياشىنىپ قالغان بولۇپ، كۆپچىلىك ئۇنى ھۆرمەتلەيتتى.


ئۇلار زۇف زېمىنىغا كەلگەندە، سائۇل خىزمەتكارىغا: _ ئەمدى ئۆيگە قايتايلى! بولمىسا ئاتام ئېشەكلەردىن ئەمەس، بىزدىن ئەنسىرەشكە باشلايدۇ، _ دېدى.


ئۇ زامانلاردا ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى يوق بولۇپ، ئەفرايىم تاغلىق رايونىنىڭ چەت بىر يېرىدە لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان بىر ئادەم ياشايتتى. ئۇ يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەم شەھىرىدە ياشايدىغان بىر ئايالنى ئۆزىگە توقاللىققا ئالدى.


ئەفرايىم تاغلىق رايونىدا مىكاھ ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى.


كۈن پېتىشقا يېقىن، ئاراماتىيالىق يۈسۈپ ئىسىملىك بىر باي كەلدى. ئۇمۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىدىن ئىدى.


گىلئادلىقلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىنى ئىگىلىۋېلىپ، ئەفرايىم قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆز زېمىنىغا قايتىشىدا دەريادىن ھېچكىمنى ئۆتكۈزمىدى. ھەرقانداق بىرسى كېچىكتىن ئۆتمەكچى بولسا، گىلئادلىقلار ئۇنىڭدىن: «سەن ئەفرايىم قەبىلىسىدىنمۇ؟» دەپ سورايتتى. ئەگەر ئۇ كىشى «ياق، ئەمەس» دەپ جاۋاب بەرسە،


ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازارمۇ ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى گىبئاھ شەھىرىدە دەپنە قىلىندى. بۇ شەھەر ئۇنىڭ ئوغلى پىنىخاسقا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەنىدى.


پادىشاھ سۇلايماننىڭ خىزمەتكارى، يەنى نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئاممۇ پادىشاھقا قارشى ئىسيان كۆتۈردى. ئۇ ئەفرايىم قەبىلىسىدىن بولۇپ، زىرېدا شەھىرىدىن ئىدى. ئانىسىنىڭ ئىسمى زىرۇئا بولۇپ، بىر تۇل خوتۇن ئىدى.


ئوبېد يىشاينىڭ ئاتىسى، يىشاي داۋۇتنىڭ ئاتىسىدۇر.


كېيىن ئەلقانالار راماھقا قايتىپ كەتتى. لېكىن بالا سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇش ئۈچۈن روھانىي ئەلىنىڭ ھۇزۇرىدا قالدى.


ئاندىن يۇرتى راماھقا قايتىپ، ئۇ يەردىمۇ ئوخشاش ئىشلارنى قىلاتتى. ئۇ راماھتا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، بىر قۇربانلىق سۇپىسى سالدۇردى.


قوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى: قوھاتنىڭ ئوغلى ئاممىناداب، ئاممىنادابنىڭ ئوغلى كوراھ، كوراھنىڭ ئوغلى ئاسسىر،


ئوغۇللىرى بىلەن بىرگە خىزمەت قىلغان نەغمىچىلەر: قوھات جەمەتىدىن قوشاقچى ھېمان. ھېماننىڭ نەسەبنامىسى: ھېمان يوئېلنىڭ ئوغلى، يوئېل سامۇئىلنىڭ ئوغلى،


ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى راماھ بىلەن بەيتەلنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر تۈپ خورما دەرىخى بولۇپ، دىبورا ئاشۇ خورما دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرۇپ، دەرد ئېيتىپ كەلگەن ئىسرائىللارنىڭ دەۋالىرىنى سورايتتى (بۇ دەرەخ كېيىنچە «دىبورا دەرىخى» دەپ ئاتالغان).


سائۇل بىر خىزمەتكار بىلەن ئېشەكلەرنى ئىزدەپ، ئەفرايىم تاغلىق رايونىغا ۋە شالىشاھ زېمىنىغا باردى، ئەمما ئېشەكلەرنى ئۇ يەردىن ئىزدەپ تاپالمىدى. ئۇلار شائالىم زېمىنىغا ئۆتتى، لېكىن ئېشەكلەر ئۇ يەردىمۇ يوق ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بىنيامىن زېمىنىغا ئۆتۈپ، ئۇ يەرنى كېزىپ چىقتى، لېكىن ئېشەكلەرنى ئۇ يەردىنمۇ تاپالمىدى.


ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى زادوق، زادوقنىڭ ئوغلى شاللۇم،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite